مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېيىپلەر ئىككى تۈرلۈك ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىشتا «بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2022.05.17 21:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 13-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى يېقىندا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى مەملىكەتلىك 32-قېتىملىق مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنىدىن باشلاپ «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش» ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ئېغىر مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىشنى «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان. «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش»تە، كېيىن مېيىپلەر پۈتۈن مۇساپىلىك توردا تولۇقلىما ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئىلتىماس قىلسا، سۈرۈشتۈرسە، تۈزەتسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تولۇقلىما ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا «بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق» ۋە «يۈز كۆرۈشمەي تەكشۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  مېيىپلەرنىڭ جىسمانىي توسالغۇ سەۋەبلىك تور مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلمەسلىك قاتارلىق قىيىنچىلىق پەيدا بولۇشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشتا، ئىككى تارماق يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مېيىپلەر ئىككى تۈرلۈك ياردەم پۇلىنى «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش شەكلىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك، كەسىپ تەۋەلىكى ۋە «ئۆلكە ئاتلاپ ئىلتىماس قىلىش» كۆزنىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش كېرەك، يەرلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنى توسالغۇسىز ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىشلىرى ياردەمچىلىرى ۋە مېيىپلەر بىرلەشمىسى (مېيىپلەر جەمئىيىتى)نىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزالىرىنىڭ مېيىپلەرنىڭ ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش ۋە ياردەملىشىش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىككى تۈرلۈك ياردەم پۇلى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىشلىرى، ئىش بېجىرىش قوللانمىسى توردا ۋە تور سىرتىدا ئوخشاش مەنبەلىك ئېلان قىلىش، ماس قەدەملىك يېڭىلاش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مېيىپلەرگە ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمى 2016-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلغان بولۇپ، 2022-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قىيىنچىلىقى بار تەخمىنەن 12 مىليون مېيىپ، 15 مىليوندىن ئارتۇق ئېغىر مېيىپ ئايرىم-ئايرىم نەپكە ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ