مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى شىنشيەن ناھىيەسى ——

ئۆزگىچە كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئالغا سىلجىتىلدى (جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش — كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يېڭى قىياپىتى)

2022.05.17 21:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، 61 ياشلىق شۈ شيۇچىڭ ئارقا تاغدىن چۈشتى، سېۋەتتە ئۆزى تېرىغان ئىككى باغلام سامساق مايسىسى، كەرەپشە كۆپەيگەن ئىدى. چۈشتە مەززىلىك قورۇمىلار ھويلا-ئارام سەيلىگاھىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى.


  خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى شىنشيەن ناھىيەسى تيەنپۇ يېزىسى تيەنپۇ تۈزلەڭلىكىدە، شۈ شيۇچىڭنىڭ «چۈنلىن دېھقانلار ئاشخانىسى» نۇرغۇن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى. 2014-يىلى تىجارەت باشلىغاندىن ھازىرغىچە، كىرىم يىلدىن-يىلغا ئاشتى. شۈ شيۇچىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، ناھىيە بازىرىدىن ئىككى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدىم.»


  شىنشيەن ناھىيەسى خۇبېي-خېنەن-ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە رەھبەرلىك قىلىپ قۇرغان تايانچ بازىلارنىڭ بىرى بولغان خۇبېي-خېنەن-ئەنخۇي سوۋېت رايونى مەركىزىي سوۋېت رايونىدىن قالسىلا 2-چوڭ ئىنقىلابىي تايانچ بازا بولۇپ، نۇرغۇن قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى بارلىققا كېلىپ، «28 يىلغىچە قىزىل بايراق يىقىلماسلىق»تەك مۆجىزىنى ياراتقان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بۇ يەر ليۇ بوچېڭ-دېڭ شياۋپىڭ قوشۇنىنىڭ مىڭ چاقىرىملىق دابيېشەن تېغىغا سەكرەپ ئىلگىرىلىشىدىكى ماكان بولغان.


  2019-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنشيەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. تيەنپۇ تۈزلەڭلىكىدە، باش شۇجى ھەر بىر ئائىلە ئاچقان دۇكانلارغا كىرىپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش يولى، پۇقراۋى قونالغۇغا كىرىش نىسبىتى، كىچىك دۇكانلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى قاتارلىقلارنى سورىدى.


  بۇ ئىككى يىلدا كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھىدىن 11ى، پۇقراۋى قونالغۇدىن 21ى، قول ھۈنەر بۇيۇمى دۇكىنىدىن 24ى ئېچىلدى. تيەنپۇ تۈزلەڭلىكى مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ، «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كىچىك دۇكىنى + يېزا ئۆيلىرى + دېھقانلار ئائىلىسى + خاس تاۋار» ساياھىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئۈلگە ئورۇن دەپ نام بېرىلدى.


  مول قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى ۋە يېشىل ئېكولوگىيە بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تيەنپۇ تۈزلەڭلىكى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.


  تيەنپۇ تۈزلەڭلىكىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ بەش كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن نەپىس، كۆركەم بىر كەنت كۆزگە چېلىقىدۇ. ئاق تام، كاھىش، چىتلاقلار كۆلدە ئەكىس ئېتىدۇ، تاغ باغرى، قەدىمىي دەرەخ، چىغىر يوللار ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلىدۇ. بۇ يەر سىدىيەن يېزىسى دافەن كەنتى.


  ئىلگىرى دافەن كەنتىدە كۆلچەكلەر مەينەت، ئوتۇنلار قالايمىقان دۆۋىلەنگەن بولۇپ، ھەممىلا يەردە كالا ئېغىلى، تاشلاندۇق ئۆيلەر بار ئىدى. 2021-يىلى، شىنشيەن ناھىيەسى مەركەزنىڭ 50 مىليون يۈەن مەخسۇس ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 500 مىليون يۈەنگە يېقىن تۈرلۈك مەبلەغنى قوزغىتىپ، قىزىل دابيېشەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇردى. سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، دافەن كەنتى ئۆيلەرنى رېمونت قىلىپ، دەريا ۋە كۆلچەكلەرنى تازىلاپ، كەنت قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.


  دافەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇەن يىفۇ مۇنداق دېدى: «كەنتنىڭ چېتىدىكى كىچىك تاغدا، 300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە 310 تۈپتىن ئارتۇق قەدىمىي دەرەخ بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىل ئارمىيە 28-جۈن ئىشتابىنىڭ كونا ئورنى قاتارلىق قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرى بولغاچقا، بىز ‹قىزىلغا ۋارىسلىق قىلىش› ئاساسىي تېما قىلىنغان ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، نى-نى ئىشلارنى قىلالايمىز.»


  يېزا-كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈشتە، كەسىپلەر ئاساس قىلىنىدۇ. شىنشيەن ناھىيەسى چېنديەن يېزىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدە چاي، قارىغاي يوپۇرمىقى، ئەمەن، قولدا تىكىلگەن پېتەك قاتارلىق نەچچە ئون خىل ئالاھىدە مەھسۇلات تورغا چىقىرىلدى.


  «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىلغان چاينىڭ شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 تىن ئاشىدۇ.» خېنەن زىشياڭ چايچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ تاۋ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، بىر ئىستاكان يېڭى چاي دەملىدى، يوپۇرماق بىخلىرى مەۋج ئۇرۇپ، چاي پۇرىقى ئەتراپقا تارالدى.


  ياڭ تاۋ چېنديەن يېزىسىدا 19 يىل چايچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، 300 مودىن ئارتۇق چايزارلىقنى ھۆددىگە ئېلىپ، ھەر يىلى 5000 جىڭدىن ئارتۇق چاينى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ۋاكالىتەن ساتتى. چاي ئۈزۈش ئالدىراش بولغان ئەتىياز پەسلىدە، شىركەت ھەر كۈنى 70 نەچچە دېھقاننى ياللايدۇ، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى 200 يۈەن تاپالايدۇ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر ئالدىن تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە يەنە %10 مائاش قوشۇلىدۇ» دېدى ياڭ تاۋ.


  سىديەن يېزىسىنىڭ قاڭالتىر دېندروب ئوتى باغچىسىدا قېرى دەرەخ كۆتىكى، ياغاچ قىرىندىسىدىكى دېندروب ئوتى يۇمران بىخ چىقاردى، باغچا رايونىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چىڭخۇا ئىشچىلار بىلەن بىللە سۇغىرىش، ئوت ئوتاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.


  ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن پايدىلىنىپ، دېندروب ئوتى مەھسۇلاتلىرى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندى.» ليۇ چىڭخۇا مۇنداق دېدى: ھازىر باغچە رايونى 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 180 مودىن ئارتۇق يەرگە قاڭالتىر دېندروب ئوتى تېرىپ، دېندروب ئوتى ئىچىملىكى، دېندروب ئوتى ھارىقى، دېندروب ئوتى كەسمە چۆپى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئاچتى. «باغچا رايونىدا 218 مو يەر ئوبوروت قىلىنىپ، ھەر يىلى 130 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىجارە ھەققى تۆلەندى؛ ئۇزاق مۇددەت توختاملاشقان 20 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 5000 يۈەندىن ئاشۇرۇپ، يىلدا 5000 دىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) ۋاقىتلىق ئىشلەتتى؛ يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈر مەبلىغىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، ھەر يىلى ھەر بىر كەنتكە 21 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىم قىلدى.»


  يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى. شىنشيەن ناھىيەسى تۆت تاۋباۋ كەنتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 900 دىن ئارتۇق تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىپ، 4000 دېھقاننىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بەردى، يېقىنقى بىر يىلدا سېتىش سوممىسى 120 مىليون يۈەنگە يەتتى.


  شىنشيەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شيا مىڭفۇ مۇنداق دېدى: شىنشيەن ناھىيەسى» ئىقتىدار، ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى» نى پۇرسەت بىلىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، يوللارنى كەنتكىچە تۇتاشتۇرۇپ، ئاممىۋى قاتناشنى كەنتكە ئۇلاپ، تېز يوللانمىنى كەنتلەرگىچە يەتكۈزۈپ، يېزا ـ كەنت ساياھىتى، چاي، ھۈممەلچاي، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى.


  ھازىر ناھىيە بويىچە 300 مىڭ مو چاي، 340 مىڭ مو ھۈممەلچاي، 70 مىڭ مو جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كۆلەملەشتۈرۈلۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كىرىم ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ئاشۇرۇلدى.


  دابيېشەن كونا ئىنقىلابىي رايونىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز ۋە خۇبېي، خېنەن، ئەنخۇي ئۈچ ئۆلكە زور كۈچ چىقاردى. گوۋۇيۈەن 2015-يىلى» دابيېشەن كونا ئىنقىلابىي رايونىنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات يىرىك پىلانى» نى تەستىقلاپ چۈشۈرۈپ، بىر تۈركۈم قوللاش تەدبىرلىرى ۋە مۇھىم، چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى. 2021-يىلى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر« نى بېسىپ تارقاتتى. خېنەن ئۆلكىسى كونكرېت يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك 22 تارماقنى دابيېشەن كونا ئىنقىلابىي ئازاد رايوندىكى ناھىيە (شەھەر، رايون) لەرگە «بىرگە بىر» نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى. خۇبېي ئۆلكىسى 20 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قىزىل ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا كۈچەپ ياردەم بەردى.



  800 چاقىرىملىق دابيېشەن تېغى ھاياتىي كۈچكە تولدى



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى





  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ