مۇخبىرنىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ساغلام فۇجيەن ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى مۇۋاپىق ياشتىكى قىزلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ «2022-يىللىق خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېقىندا فۇجيەن ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى، ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى مۇۋاپىق ياشتىكى قىزلارغا ئەمچەك توپچىسىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى (HPV) ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملەش تۈرىنى يولغا قويغان.
بۇ تۈر فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر، رايون) لەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئوقۇش تەۋەلىكى ياكى نوپۇسى فۇجيەن ئۆلكىسىدە بولغان، HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملەتمىگەن ھەمدە يېشى 13 ياشتىن 14 يېرىم ياشقىچە بولغان قىزلارغا (ياش دائىرىسى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە)، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، ئىختىيارىي، ھەقسىز ئەملەش پىرىنسىپى بويىچە، HPV ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملەش بېكىتىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ