مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شېنجېن قانۇن چىقىرىپ ياشانغان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى، ياشانغانلار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا يەتتە كۈن ئىچىدە مالنى شەرتسىز قايتۇرسا بولىدۇ

2022.05.17 12:53 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، «شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىدىكى ئىستېمالچىلارنى قوغداش نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«نىزام (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» دېيىلىدۇ) ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، ياشانغان ئىستېمالچىلاردىكى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىش، مەركەزلىك دەرس سۆزلەش، ساغلاملىق لېكسىيەسى سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغانلارغا يەتتە كۈن شەرتسىز مال قايتۇرۇش ھوقۇقى بېرىشنى قارار قىلدى.


  ئىگىلىنىشىچە، «نىزام (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) » ئومۇمىي پىرىنسىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت تىجارەتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە مەجبۇرىيىتى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇنلۇق قوغداش، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش، قانۇنىي جاۋابكارلىق، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت يەتتە بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 60 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


  بۇنىڭ ئىچىدە، بىرقەدەر كۆپ ئەرز قىلىنغان ياشانغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىنىپ قېلىش مەسىلىسىگە قارىتا، «نىزام (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 60 ياشتىن ئاشقان ئىستېمالچىلار مەھسۇلات چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىش، مەركەزلىك دەرس سۆزلەش، ساغلاملىق لېكسىيەسى سۆزلەش، مۇتەخەسسىسلەر خالىس كېسەل كۆرۈش، ھەقسىز تەكشۈرۈش، ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىش، ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ساياھەت قىلدۇرۇش ۋە تېلېفوندا سېتىش، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ سېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تاۋارلارنى سېتىۋالغان بولسا، مالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مالنى شەرتسىز قايتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، مالنى قايتۇرۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى ھاجەتسىز.


  قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىستېمالچىلار توغرىسىدا «نىزام (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەكتەپ ۋە ئەتراپىدا تىجارەت قىلىدىغان تىجارەتچىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم، مەھسۇلات ئورالمىسى ياكى ماركىسىدا شەھۋانىي، زوراۋانلىق، ناچار يېتەكلەش مەزمۇنى بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان يېمەكلىكلەرنى كىرگۈزۈشكە، ساقلاشقا ۋە سېتىشقا بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا بولمايدۇ.




  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ