تېررورچىلار جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ قولغا ئېلىندى
2022.05.17 12:52 مەنبە: خەلق تورى
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەربىي ئىشلار سەھىپىسى بايىلا ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 16-چېسلا، پاكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرىدىكى ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ئۆزى بىلەن قوشۇپ پارتلاتماقچى بولغان بىر ئايالنى قولغا ئالغان. بۇ ئايال بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى كاراچى داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆزى بىلەن قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلغۇچى بىلەن بىر تەشكىلاتتا ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ