مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى موڭغۇل تەپتىش ئورگىنى شۆ خېڭنىڭ پارا ئېلىش، تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش دېلوسىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىدى

2022.05.17 12:50 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى شۆ خېڭ پارا ئېلىش، تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش دېلوسىغا چېتىلىپ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇشى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باياننور شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن. يېقىندا باياننور شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باياننور شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.


  تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جاۋابكار شۆخېڭغا بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇرغان ھەمدە جاۋابكاردىن سوئال سوراپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان. تەپتىش ئورگانلىرى مۇنداق ئەيىبلىگەن: شۆ خېڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى دەندۇڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى يىڭكۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلار ، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كارخانا تىجارىتى، قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش، دېلو بىر تەرەپ قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغان؛ شۆ خېڭ پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئەسلىدىكى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار خادىملارغا جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە ياردەم بېرىپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى زور بولۇپ، پارا ئېلىش جىنايىتى، تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ