يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2023-يىلىدىن باشلاپ «مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق، مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى» ۋە «مەملىكەت بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاسپىرانتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى» تارقىتىلمايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئىش ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئىشقا چىقىشتا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئەۋەتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش، نوپۇسقا ئېلىش، ئارخىپنى تاپشۇرېۋېلىش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتىكى زۆرۈر ماتېرىيال قىلىنمايدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا كېلىشىم ئىمزالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ توردا كېلىشىم ئىمزالىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەكتەپتىن كېچىكىپ ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، خىزمەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئارخىپىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، نوپۇسقا ئېلىشنى بېجىرىش ۋاقتىنى مۇناسىپ ئۇزارتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ