مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنجى قېتىم!

2022.05.16 13:44 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 6 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە، نومۇرى B-001J بولغان C 919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلان شاڭخەي پۇدۇڭ ئايرودرومىنىڭ 4 – ئۇچۇش يولىدىن ئۇچۇپ، سائەت 9 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە بىخەتەر قوندى، بۇ، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شىركىتىنىڭ تۇنجى ئابونتىغا تاپشۇرۇلىدىغان تۇنجى C 919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى ئىكەن.


  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچ سائەت ئىككى مىنۇت ئۇچۇش جەريانىدا، سىناپ ئۇچقۇچى بىلەن سىناپ ئۇچۇش ئىنژېنېرى ماسلىشىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملىغان، ئايروپىلاننىڭ ھالىتى ۋە ئىقتىدارى ياخشى بولغان. نۆۋەتتە C 919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلان سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇپ ئىسپات ئېلىش ۋە تاپشۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.


  2019-يىلدىن باشلاپ، C 919 تىپلىق ئالتە ئايروپىلان شاڭخەي، يەن لياڭ، دۇڭيىڭ، نەنچاڭ قاتارلىق جايلاردا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، بىر قاتار يەر يۈزى سىنىقى ۋە ئۇچۇش سىنىقىنى قانات يايدۇردى. 2020 - يىلى 11 - ئايدا، C 919 تىپلىق ئايروپىلان تىپ تەكشۈرۈش تەستىقنامىسىگە ئېرىشىپ، ئىدارە تەرەپ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىردى.


  2021- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، شەرق ئاۋىياتسىيەسى جۇڭگو سودا ئايروپىلانى بىلەن شاڭخەيدە C 919 تىپلىق ئايروپىلاننى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش C 919 تىپلىق ئايروپىلان كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، شاڭخەينى ئاساسلىق بازا قىلىدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ