مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان 13 كىشى تېپىلدى، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى

2022.05.16 13:36 مەنبە: خەلق تورى

  يۈننەن ئۆلكىسى دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ياڭبى ناھىيەلىك ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 8 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى ساڭشەن تېغى ئېرخەي دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونغا كىرىپ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان 13 كىشىنىڭ ھەممىسى تېپىلغان، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.


  بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساڭشەن تېغى ئېرخەي دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاممىنىڭ نۇرغۇن كىشىنىڭ رۇخسەتسىز ساڭشەن تېغى رايونىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى پاش قىلغان مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خىزمەتچى خادىملار ياڭبى ناھىيەسىنىڭ پىڭپو بازىرى تەۋەسىدە ئون ئادەمنى بايقاپ، ئۇلارنى قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان. بۇ كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەنە 13 ئادەم ياڭبى ناھىيەسى پىڭپو بازىرى پىڭپو كەنتىدىكى باتيەن نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇپ تەكشۈرۈش ئورنىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ساڭشەن تېغى رايونىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەندىن كېيىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئالاقىدار تارماقلار مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال مەخسۇس خىزمەت ئەترىتى قۇرۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى تاغقا چىقىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەشكە تەشكىللىگەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ