مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ دەل «ئىككىنچى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى»نىڭ ھەقىقىي قىياپىتى

2022.05.12 18:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دېموكراتىك ماياك» بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان ئامېرىكا كۆپ قېتىم «دېموكراتىيە» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك، قارشىلىشىشقا قۇترىتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى كۆزلىدى. ئىش بېجىرىشتە يوشۇرۇنۇش، باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن «دېموكراتىك ئەھلىسەلىپ»لەرنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى «پېشكا» قىلىپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا رەزىللىكلەرنى قالدۇردى، «2-مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى» دەپ ئاتالغان ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى دەل بۇنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ بىرى بولدى.

  يېقىندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى «ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ بەزى پاكىت تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن تولۇق پاكىتلار ئارقىلىق، ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ 1983-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئاق ساراي ۋە پارلامېنتىنىڭ سىجىل مەبلەغ ياردىمى ئاستىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن «باشقا دۆلەتلەر دېموكراتىيەسىگە ياردەم بېرىش» نامى بىلەن نىشانلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى تېڭىشتەك ئاغدۇرمىچىلىق، سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاتالمىش «دېموكراتىيە ھەرىكىتى»گە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك رەزىل قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى ——

  رەڭلىك ئىنقىلاب قوزغاپ، نىشانلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلدى. 2000-يىلىدىن ھازىرغىچە، سېربىيە «مامۇق ئىنقىلابى»، گىرۇزىيە «ئەتىرگۈل ئىنقىلابى»، ئۇكرائىنا «قىزغۇچ سېرىق ئىنقىلابى»، بولىۋىيە «رەڭلىك ئىنقىلابى»دىن تارتىپ مىسىر، يەمەن، ئىئوردانىيە، ئالجىرىيە، سۇرىيە، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى قاپلىغان «ئەرەب باھارى»غىچە، ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى غايەت زور مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، مەخپىي تەربىيەلەش، ھۆكۈمەتكە قارشى ئىدىيەنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پەردە ئارقىسىدا ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى.

  بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ياردەم بېرىپ، نىشانلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ھەر يىلى زور مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگوغا قارشى تۈرلەرنى قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى»، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»، «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى قاتارلىقلارنى قۇترىتىشقا ئۇرۇندى. ھۆكۈمەت تورىدا ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، بۇ تەشكىلات جۇڭگوغا ئالاقىدار 69 تۈرنى 10 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ «ئەمەلىيلىشىشى»گە تۈرتكە بولۇشقا ئۇرۇندى.

  ساختا «دېموكراتىيە» نامى بىلەن دېموكراتىيەگە قارشى ئىشلارنى قىلدى. ئامېرىكا ئۆزىنى «دېموكراتىك داھىي» دەپ ماختاپ، ئەمەلىيەتتە دېموكراتىيەنى سەرەمجانلاشتۇرۇش، قوراللاندۇرۇش ئويۇنىنى ئوينىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى قاتارلىقلار مەيلى قانداق پەردازلانسۇن، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزى ئۆتكۈر، ئامېرىكىنىڭ ساختا دېموكراتىيە، ھەقىقىي زومىگەرلىك ئەپت-بەشىرىسى ئاللىقاچان ئۈزۈل-كېسىل ئاشكارىلاندى.

  دېموكراتىيە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى، ھەرگىزمۇ سىياسىي مەشغۇلات قورالى ئەمەس. بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. دېموكراتىيە نامى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ