مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاددىيلاشتۇرماسلىق، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك

2022.05.11 21:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ھەيدىگەندە، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدىغان گەپ. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى ۋە كۈچەش باسقۇچى بولغانسېرى چىشنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش يەككە-يېگانە سىياسەت ئەمەس، بەلكى بىر يۈرۈش مۇرەككەپ ھەرىكەت سىستېمىسى، «ئاددىيلاشتۇرۇش»، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. رېئاللىقتا بەزىلىرى ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەي يوللارنى توستى، قاتتىق ئايرىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، بەزىلىرى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۆپەيتتى، سىرتتىن كەلگەنلەر ۋە ئاپتوموبىللارنى بىردەك نەسىھەت قىلىپ قايتۇردى، بەزىلىرى داۋالىنىش، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق رېئال ئېھتىياجنى ئويلاشمىدى. بۇنداق قاتلاممۇقاتلام ئاشۇرۇپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلى ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپلا قالماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش بىر مەيدان چوڭ جەڭ، چوڭ سىناق بولۇپ، جايلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى سىنايدۇ. ھەم قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاستا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەم قالايمىقان ئىش قىلىش، قاتلاممۇقاتلام ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىنى ماس قەدەمدە ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بېيجىڭ تېز سۈرئەت بىلەن. تېز سۈرئەتتە ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، ئۇدا كۆپ قېتىم رايون بويىچە يادرو كىسلاتاسىنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، جەمئىيەتتە يوشۇرۇن تارقىلىش تېگى-تەكتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلاپ چىقتى؛ شاڭخەي ئون چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، نورمال داۋالىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى؛ جىلىن قاتارلىق جايلار مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يۇقۇم بىلەن كۈرەش قىلىش بىلەن بىللە، كۈچلۈك تەدبىر چىقىرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى...

  نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلار دىققەتنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەرقلىق، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەندىلا، چوقۇم ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ زور ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ