مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش يېڭى سىياسىتىنى تاختىبېشىغا ئېلىپ قويۇشقا بولمايدۇ

2022.05.10 23:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىدا: تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، جايلار تېز ئاۋاز قوشۇپ، ئارقا-ئارقىدىن يېڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارغا «زەيتۇن شېخى» سۇنۇپ بەردى. لېكىن، قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىختىساسلىقلار يېڭى سىياسىتى شوئارلارنى توۋلاپ جاھاننى زىل-زىلىگە سالدى، ئەمەلىيەتتە بولسا «سۇ-تۇپراق ماس كەلمىدى» ياكى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. مەسىلەن، سىياسەتنى «ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى»غا تايىنىپ سىياسەتنى «جانلىق» چۈشەندۈرۈپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن نەقلەشتۈرۈشنى كېچىكتۈردى ھەتتا نەقلەشتۈرمىدى؛ سىياسەتنى دائىم ئۆزگەرتىپ، ئىجرا قىلىش دائىرىسى، ئۆلچىمى ۋە ئوبيېكتىنى پات-پات تەڭشەپ، تاللاپ نەقلەشتۈردى؛ توختام ماددىلىرىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ «توختامغا خىلاپلىق قىلىش قارتىسى» ئوينىدى، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلىدى... ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش يېڭى سىياسىتى تاختىبېشىغا ئېلىپ قويۇلۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئامالسىز قالدۇردى.

  ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش يېڭى سىياسىتىنى تاختىبېشىغا ئېلىپ قويۇشنىڭ ئارقىسىدا، قىسمەن جايلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتىكى ئورنى توغرا بولماسلىق، تۈزۈلمە-مېخانىزم تولۇق بولماسلىق ۋە مۇلازىمەت ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، سىياسەت تۆۋەنگە يىلتىز تارتىدىغان «تۇپراق مۇھىتى» كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش يېڭى سىياسىتى تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنماي، بەلكى قارىغۇلارچە كۆپچىلىككە ئەگىشىپ، يەرلىك مالىيەنىڭ يۈكى ۋە ئاممىۋى بايلىقنىڭ مىقدارىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، سىياسەتنى نەقلەشتۈرۈش قىيىن بولدى؛ سىياسەت مېخانىزمى بىر قەدەر قۇرۇق بولۇپ، پەقەت يۆنىلىشنىلا بەلگىلەپ، تەپسىلىي قائىدىنى بېكىتمەي، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا ئۆزگەرتىۋېتىدىغان، تولۇق ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان «چېكىنىش يولى» پەيدا بولدى؛ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە مەنپەئەتلەشتۈرۈش خاھىشى ئېغىر بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يوشۇرۇن نەتىجىگە سەل قارايدىغان، يۇقىرىنىڭ نىشان-ۋەزىپە خەرىتىسىنى ئورۇنداشتا تاقابىل تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق قىلىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئۈستىدە سىستېمىلىق پىكىر يۈرگۈزمەي ۋە پىلانلىماي، ئىختىساسلىقلار يېڭى سىياسىتىنىڭ گۈلدۈرى چوڭ، يامغۇرى ئاز بولدى.

  ئىختىساسلىقلار دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، ئىختىساسلىقلار ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئاساسى. ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش يېڭى سىياسىتى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىردا «تېيىز سۇدا توختاپ قېلىپ»، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ «ئادەم ئىشلىتىش قەھەتچىلىكى»نى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ قىيىنلىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش يېڭى سىياسىتىنى «تاختىبېشىغا ئېلىپ قويۇش»، ئۇنىڭغا يەنە شەكىلسىز كۆچمە قورغان بولغان ئىختىساسلىقلارغا «چەمبىرەك»نى چىڭ تاقاپ قويۇش قوشۇلۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى «كۈچەش نۇقتىسى»نى تېپىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە يەرلىكنىڭ ئىختىساسلىقلارنى توپلاش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئىختىساسلىقلار يېڭى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ توسۇقىنى ۋاقتىدا راۋانلاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭى مۇساپىدە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆھپە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ