مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئۈچۈن چىڭ تۇرۇش لازىم، چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە

2022.05.10 23:04 مەنبە: خەلق تورى


خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  نۆۋەتتە يەر شارىۋى يۇقۇم يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى «ئېقىنغا قارشى كېمە ھەيدەيدىغان، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەزگىل ۋە كۈچەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، «بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش فاڭجېنىمىز پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتى تەرىپىدىن قارار قىلىنغانلىقى» چوڭقۇر كۆرسىتىلدى، «چىڭ تۇرۇشنىڭ غەلىبە ئىكەنلىكى» تەكىتلىنىپ، «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇش»، «بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش روھى، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش» تەلەپ قىلىندى.

  پارتىيەمىز خەلقتىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلققە بەخت يارىتىدۇ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتى، چوقۇم ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى بارلىق خىزمىتىمىزنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشىمىز شەرت. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تەدبىرى ۋە «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى.

  بولۇپمۇ بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بىز ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باسقۇچلۇق نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش ھەم ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئالدىدا، بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقىمىز لازىم، شۇنداقلا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايمىز! ئادەمنىڭ ھاياتى ئەڭ قىممەتلىك، ھاياتلىق پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلساق قايتا كەلمەيدۇ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، بىز ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمىز!

  يۇقۇمنى تېزدىن توسۇش ھەربىر ھاياتلىققا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلغانلىق، «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش»نىڭ ماھىيىتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش دېمەكتۇر. ئاممىۋى سەھىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پۈتۈن كىشىلەر توپى ئومىكرون ئۆزگەرگەن تۈپى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان بولۇپ، ھېچقانداق مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىلمىغان ئەھۋالدا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يۇقۇملانغۇچىدىن 9.5 ئادەم يۇقۇملىنىدۇ. ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى ھەرگىزمۇ «چوڭ تارقىلىشچان زۇكام» ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يەتتە ھەسسىسىدىن سەككىز ھەسسىسىگىچە، ياشانغانلار توپى، بولۇپمۇ 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار توپىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %10 تىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۈز ھەسسىگە يېقىنلىشىدۇ.

  يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ۋىرۇس يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يۈزلىنىشىدە يەنىلا ناھايىتى زور ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. خەلقئارا ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىدى، يەنىلا ھوشيارلىقنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، بىر قىسىم «كۈرەش قىلىشنى توختىتىپ ئوڭدا ياتقان» دۆلەتلەر ئېغىر بەدەل تۆلىدى ھەم يەنىلا ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ياشانغانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلى كۆپ ساندىكى بالىلار ۋە ۋاكسىنا ئەملەش مەنئى قىلىنىدىغان كېسىلى بارلار بولغانلىقتىن، ۋاكسىنا ئەملەشكە ئامالسىز قالغان كىشىلەر توپىنى قوشقاندا، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىدە ئېغىر كېسەللەر ۋە كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىشكە تاقابىل تۇرۇش توسۇقى تېخى شەكىللەنمىدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ تېز تارقىلىشىغا يول قويغاندا، جەزمەن كەڭ كۆلەملىك كىشىلەر توپى يۇقۇملىنىپ، نۇرغۇن ئېغىر كېسەللەر ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈش كېلىپ چىقىپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت نۆۋەتتە جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۆۋەن چېكى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتۇر.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەرقايسى سەپلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇدا جەڭ قىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار، تېببىي خادىملار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلار ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىنتايىن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى توسۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇم ئومۇمىي ۋەزىيىتى ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت، چوقۇم قىسمەن توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

چىڭ تۇرغاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىل ۋە كۈچ سەرپ قىلىش باسقۇچىدا، بىز تېخىمۇ بوشاڭلىق قىلماسلىقىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى داۋاملىق كۈچەپ، غەيرەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىلگىرىلەپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى يوققا چىقارماسلىقىمىز كېرەك. «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» ئومۇمىي فاڭجېنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق قىلماي، ئۇرۇشتىن بىزار بولماي، تەلەي سىنىماي، بوشاشماي، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، ئايرىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى ماس قەدەمدە ياخشى ئىشلەشتىن يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە، باشتىن -ئاخىر جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئۇدا جەڭ قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە، تاڭ نۇرى ئالدىمىزدا. قانچىكى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان ۋاقىتتا، شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇش ئىرادىسى بولۇشى، شۇنچە قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىرادىسى بولۇشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا -مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق، «قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش»تەك جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرسەكلا، بىز چوقۇم خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ جېڭىدە بالدۇرراق غەلىبە قىلالايمىز.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ