مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپلەردە يېڭىدىن 31 كەسىپ كۆپەيتىلدى! ئالىي مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇش دائىرىسى كېڭەيدى

2022.05.10 13:14 مەنبە: خەلق تورى

  


  يېقىندا مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكى، ئالىي مەكتەپلەردە كەسىپلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.


  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 31 تولۇق كۇرس كەسپى ئىقتىسادشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، پېداگوگىكا، تارىخشۇناسلىق، تەبىئىي پەن، سانائەت ئىلمى، يېزا ئىگىلىك ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلمى، سەنئەت ئىلمىدىن ئىبارەت توققۇز چوڭ پەن تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جەمئىي 38 ئالىي مەكتەپنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كەسىپلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، سانائەت پەنلىرى بويىچە 14 كەسىپ كۆپىيىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان، ئۇنىڭدىن قالسا سەنئەت ئىلمى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىلمى كەسىپلىرى نىسبەتەن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن.


  يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 31 تولۇق كۇرس كەسپىدە، بېيجىڭ قاتناش داشۆسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسپورت قۇرۇلۇشى كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، خاربىن قۇرۇلۇش داشۆسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق دېڭىز-ئوكيان تېخنىكا كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا داشۆسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئورمانچىلىق ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇچىلىق كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، بۇ كەسىپلەر ئالىي مەكتەپلەردە تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان.


  مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 7-چېسلا «مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2022-يىللىق مەركەز مالىيەسىدىن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى يېزىلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، تولۇق كۇرس تېببىي ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانلىق ھەقسىز قوبۇل قىلىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلدى.


  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2022-يىلى مەركەز مالىيەسى ئالىي تېببىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارغا بەش يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس تېببىي ئوقۇغۇچىسىدىن جەمئىي 5918 كىشىنى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەپ بېرىشىنى قوللايدۇ، تەربىيەلەيدىغان كەسىپلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا، جۇڭگو تېبابىتى ئىلمى ۋە موڭغۇل تېبابىتى ئىلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تولۇق كۇرس تېببىي ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز نىشانلىق قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇشقا كىرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغۇچە، تەربىيەلەيدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن نىشانلىق تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك. ھەقسىز، نىشانلىق تولۇق كۇرس تېببىي ئوقۇغۇچىلىقىغا پەقەت يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلارلا قوبۇل قىلىنىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ