مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2895 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇندا ناھىيە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسەن تەكشى تەرەققىي قىلدى

2022.05.09 13:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەن مائارىپ تەپتىشلىكى كومىتېتى 2021-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى بويىچە دۆلەت ھەيدەكچىلىك قىلىش، باھالاش، بېكىتىشتىن ئۆتكەن ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن، تۆۋەندە بىردەك ناھىيە دەپ ئاتىلىدۇ) تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، جەمئىي 94 ناھىيە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى تەرەققىياتى بويىچە دۆلەت ھەيدەكچىلىك قىلىش، باھالاش، بېكىتىشتىن رەسمىي ئۆتكەن. بۇنىڭ بىلەن 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى 2895 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇننىڭ ھەممىسىدە ناھىيە تەۋەسىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسەن تەكشى تەرەققىي قىلغان. بۇ، «ئىككى ئاساسەن» ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئابىدە.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنىڭ ئېنىق تەلىپى ئىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى «ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى نازارەت قىلىش-باھالاش ۋاقىتلىق چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2013-يىلى دۆلەت نازارەت قىلىش-باھالاش-بېكىتىش خىزمىتىنى باشلىغان، ناھىيە دەرىجىلىك ئۆز-ئۆزىنى باھالاش، شەھەر دەرىجىلىك قايتا تەكشۈرۈش، ئۆلكە دەرىجىلىك باھالاش ۋە دۆلەت بېكىتىش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تۆت جەھەتتىكى ئەھۋال نۇقتىلىق باھالىنىدىكەن: بىرىنچى، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە يېتىش ئەھۋالى؛ ئىككىنچى، ناھىيە تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال پەرق كوئېففىتسېنتى ئەھۋالى، ئاساسلىقى ھەر 100 ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان كومپيۇتېر سانى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى نىسبىتى قاتارلىق سەككىز كۆرسەتكۈچ قىممىتى ئاساس قىلىنىپ ھېسابلىنىدىكەن؛ ئۈچىنچى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق خىزمەت ئەھۋالى، ئاساسلىقى مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتى، كاپالەت مېخانىزمى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، سۈپەت ۋە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى 17 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ تۆتىنچى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا بولغان رازىمەنلىك ئەھۋالى، رازىمەنلىك دەرىجىسى %85 تىن تۆۋەن بولمىغاندىلا ئاندىن ئۆتكىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ