خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 5-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا مەملىكەت بويىچە مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىنى باشلاشنى قارار قىلغان ھەمدە «مەملىكەت بويىچە مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلىش قوللانمىسى (ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ)»نى تەتقىق قىلىپ تۈزگەن.
«قوللانما» مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەكتەپلەر قەتئىي تۈردە قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قائىدىسى ئادىل، ھەققانىي بولىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشقان، ئاشكارا بولىدۇ، ھەرقانداق كەمسىتىش خاراكتېرلىك شەرت قويۇلمايدۇ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش-ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش داۋامىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي ئىززىتى، شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنى تۈزەش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى، بوزەك قىلىشنى تەكشۈرۈش قەرەللىك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش ۋەقەسى قاتارلىقلار ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ