مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇش خەۋەر !دائىرە كېڭەيدى!

2022.05.05 12:04 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيگەن، 2022-يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىدىغان 72 رايوندا يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئامبۇلاتورىيەدە خىمىيەلىك داۋالاش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى دىئالىزلاش، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن يەكلەشكە قارشى داۋالاش قاتارلىق بەش خىل ئامبۇلاتورىيە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىكلەرگە ئالاقىدار داۋالاش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق بىر تۇتاش پىلانلانغان رايونلارنى قاپلاش قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا. 2022 -يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشتا تورلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى 57 مىڭ 200 گە، نۇقتىلىق پارچە سېتىش دورا دۇكىنى 103 مىڭ 600 گە يەتتى، بۇ يىل ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلغانلار 5 مىليون 100 ئادەم قېتىمغا، چېتىلىدىغان داۋالىنىش خىراجىتى 1 مىليارد 249 مىليون يۈەنگە، فوند چىقىمى 731 مىليون يۈەنگە، فوند چىقىم نىسبىتى % 58.5 كە يەتتى.

  بالنېستا يېتىش جەھەتتە، بالنېستتا يېتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىر تۇتاش غەملىنىدىغان بارلىق رايون، تۈرلۈك سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ۋە ئاساسلىق سىرتقا چىققانلارنى قاپلاپ، بالنېستتا يېتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇقىم ئېلىپ بېرىلغان. 2022-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە بالنېستتا يېتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تورلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن 55 مىڭ 500 ى بولۇپ، بۇ يىل بالنېستتا يېتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلغانلار 1 مىليون 223 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان داۋالىنىش خىراجىتى 28 مىليارد 106 مىليون يۈەن، فوند چىقىمى 16 مىليارد 152 مىليون يۈەن، فوند چىقىم نىسبىتى % 57.5 بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ