مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا ئافغانىستان خەلقى قولدىن بېرىپ قويغان 20 يىل ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ تۆلەم تۆلىشى كېرەك، دېدى

2022.04.28 20:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 4-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئافغانىستانغا 20 يىل تاجاۋۇز قىلىپ، ئاز كۆرۈلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئامېرىكا تەرەپ ئافغانىستان خەلقى قولدىن بېرىپ قويغان 20 يىل ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى ۋە تۆلەم تۆلىشى كېرەك.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، مۇخبىرلار مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ب د ت نىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسىدىن 14 كىشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلكىنى توڭلىتىش قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ياشاش ئەھۋالىنى داۋاملىق ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دېدى. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان 20 يىلدا، 30 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 174 مىڭ ئافغانىستانلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۈچتىن بىر قىسىم ئافغانىستانلىقلارنى مۇساپىرغا ئايلاندۇردى، يېرىمىدىن كۆپرەك ئافغانىستانلىقلارنى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىپ، ئاز كۆرۈلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا بىر دۆلەتنى ۋەيران قىلىپ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا كېتىپلا قالماي، يەنە ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھايات كەچۈرۈشتە تايىنىدىغان ئازراققىنا جاننى قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى. بۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپ»نىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە رەھىمسىزلىكىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.

  ۋاڭ ۋېنبىن: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ دېموكراتىيە، ئىنسانىي ھوقۇق توغرىسىدا قۇرۇق گەپ سېتىش سالاھىيىتى يوق. ئامېرىكىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۈلكىنى قانۇنسىز توڭلىتىشنى دەرھال بىكار قىلىش، ئافغانىستان خەلقى قولدىن بېرىپ قويغان 20 يىل ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراش ۋە تۆلەم بېرىش، ئافغانىستان خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلغان قاتىلنى قانۇن بويىچە جازالاش» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ