مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ۋېنبىن «خالىغانچە ئۆلتۈرۈشمۇ ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىپادىسىمۇ» دەپ قايتۇرۇپ سورىدى

2022.04.28 20:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىدا كۆپ قېتىم كەڭ كۆلەملىك قورال-ياراغ زوراۋانلىق دېلوسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قورال چەكلەش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھېچقانداق نەتىجە يارىتالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ: قورال-ياراغ زوراۋانلىقى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى «تارقىلىشچان كېسەل»، ئامېرىكا خەلقىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى، دېگەن ئوبزورىغا دىققەت قىلدى. ئامېرىكا نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %4.2 ىنى ئىگىلەيدۇ، دۇنيا بويىچە %46 پۇقراۋى قورال مىقدارىنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇمىي مىقدارى 393 مىليون تالغا يېتىدۇ.

  2020-يىلى ئامېرىكىدا 45 مىڭ 222 ئادەم قورال ۋەقەسىدە ئۆلگەن بولۇپ، 2010-يىلىدىكىدىن %43 ئاشقان. ئامېرىكا «قورال-ياراغ زوراۋانلىقى ئارخىپى» تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، قورال-ياراغقا چېتىشلىق زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ئامېرىكىدا 13 مىڭ 115 ئادەم قازا قىلغان. ئامېرىكا مىچىگان داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى قورالغا چېتىشلىق يارىلىنىش تۇنجى قېتىم قاتناش ۋەقەسىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئامېرىكىدىكى بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۆلۈش سەۋەبىگە ئايلانغان. %75 ئامېرىكىلىق ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى ئەڭ ئاساسلىق بېسىم مەنبەسى دەپ قارىغان.

  ۋاڭ ۋېنبىن: «مىلتىق ئاۋازلىرى ئاتالمىش ‹ھەممە ئادەم مەھرۇم قىلغىلى بولمايدىغان ياشاش ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىدىغان› ئامېرىكا ئارزۇسىنى بىتچىت قىلدى، شۇنداقلا كىشىلەرنى ئامېرىكىچە ‹كىشىلىك ھوقۇق› ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندۇردى. ئەجەبا ئامېرىكىچە ‹كىشىلىك ھوقۇق› ھەممە ئادەمنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئوق چىقىرىش ھوقۇقىمۇ؟ خالىغانچە ئۆلتۈرۈش، خەلقنى ۋەھىمە ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالدۇرۇشمۇ ئامېرىكىچە ‹كىشىلىك ھوقۇق›نىڭ ئىپادىسىمۇ؟» دېدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قورال چەكلەش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇرۇنلا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: ئامېرىكىدا قورال-ياراغ يامراپ قېتىشنىڭ ئارقىسىدا غايەت زور كەسىپ زەنجىرى ۋە مەنپەئەت تورى بار. قورال-ياراغ مەنپەئەت گۇرۇھى سىياسىي سايلامغا نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلغان ھەمدە سىياسەتۋازلار ۋائىزلىق قىلىپ ھەدەپ سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، كۆپ نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قورال چەكلەش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورال كونترول قىلىش قانۇن لايىھەلىرىنى يوققا چىقاردى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: «ھاياتلىق — ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئۇزاقتىن بۇيان ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا سەل قاراپ، ئامېرىكىدا قورال-ياراغ يامراپ كېتىش، زوراۋانلىق قىلىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، ئەكسىچە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كەلسە-كەلمەس قول تىقتى، بۇ ئىنتايىن بىمەنىلىك. ئامېرىكا تەرەپ ئۆزىدىكى ئېغىر تۈزۈلمە ئىللەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ھەقىقىي توغرا قاراپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنى ‹قورال-ياراغ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن خالىي ئەركىنلىك›كە ھەقىقىي ئىگە قىلىشى كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ