27 - چىسلا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر 26-چىسلا پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مەسىلىسى توغرىسىدا سوئال سوراپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ مۇددىئاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ جۇڭگو تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى، بولۇپمۇ بەلۇجىستان رايونىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلامدۇ؟
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ پولاتتەك دوستلۇقى يىمىرىلمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇش ئەمەلگە ئاشمايدۇ. تېررورچىلار چوقۇم جىنايىتى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ