مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

3- ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 6210 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2022.04.28 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 27-چېسلا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئايلىق سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 3 - ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 6210 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 9330 كىشى ( 51 ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك كادىر، 636 ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گە تەنقىد - تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان، 6039 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى چارىسى ۋە مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ يىل 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن جەمئىي 3184 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 5198 كىشىگە تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، «ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتلەردە مەسئۇلىيىتىنى زېممىگە ئالماسلىق، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش» جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئەڭ كۆپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 2715 دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 4427 كىشىگە تەنقىد - تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىسىدىن جەمئىي 3026 سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 4132 كىشىگە تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات ۋە سوۋغات بۇيۇمى قۇبۇل قىلغان ۋە سوۋغات قىلغان مەسىلىدىن 1086 نى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياردەم پۇل ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسىدىن 564 نى، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 691 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ