مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىش قىلماسلىققا بولىدۇكى، چاتاق چىقسا بولمايدۇ؟» ئەمەلدارلىق سورۇنىدا مۇمكىن ئەمەس!

2022.04.27 21:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئوڭدا يېتىشقا رازى»، «ياخشىچاق، تىنچ-ئامان ئەمەلدار بولۇش»... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، نۇرغۇن ئۆلكىلەردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى كادىرلارنىڭ ئىستىل مەسىلىسىنى تەكىتلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر «ئەمەل تۇتۇپ ئىش قىلماسلىق» ئەھۋالىنى تەنقىد قىلدى. پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى بويىچە كادىرلارنىڭ قىلىدىغاننى قىلماسلىقىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش، قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

  ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىرى قىلىدىغاننى قىلماسلىق، «تىنچ-ئامان ئەمەلدار» بولۇش مەسىلىسىنى كەينى-كەينىدىن تەنقىد قىلدى

  يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جېڭ شەنجيېنىڭ بىر قېتىملىق يىغىندا قىلغان سۆزى «مودا بولۇپ» كەتتى. بۇ ئۆلكىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش، كارخانا مۇھىتىنى ياخشىلاش يىغىنىدا، جېڭ شەنجيې بەزى كادىرلارنىڭ قىلىدىغاننى قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، ئالغا ئىلگىرىلىمەسلىك، ئەمەلىيەتچىل بولماسلىق، لەۋزىدە تۇرماسلىق، توختاپ قالماسلىق مەسىلىسىنى تەنقىد قىلدى.

  تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جېڭ شەنجيې تىلغا ئالغان كادىرلار ھادىسىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: بەزىلىرى چاتاق چىقارماسلىق ئۈچۈن ئىش قىلمايدىكەن، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا قاتلاممۇقاتلام يوليورۇق سوراپ دوكلات قىلىدىكەن، ھە دېسىلا «يۇقىرىدا ھۆججەت يوق»، «رەھبەرلەر سۆزلەپ باقمىغان»، «ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان» دېيىشىدىكەن؛ بەزىلەر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا «باشقىلارغا ئىتتىرىپ، ئەگىپ ئۆتۈپ، سۆرەپ» يۈرىدىكەن، «دۇمباق چېلىپ گۈل يەتكۈزۈش» ئويۇنى ئوينايدىكەن، ئۇياق-بۇياقتىن يوليورۇق سوراپ، ئۇياق-بۇياققا ئايلاندۇرۇپ، توختىماي مۇلاھىزە قىلىپ، ئاخىرىدا مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەردە «ئاستا ئىلگىرىلەش چېكىنگەنلىك، ئىلگىرىلىمەسلىكنىڭ ئۆزى چېكىنگەنلىك»تەك كىرىزىس تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ، ھازىرقى ھالەتكە شۈكۈر قىلىپ، كىچىك ئىلگىرىلەش بىلەنلا قانائەتلىنىپ، تىك لىنىيەلىك سېلىشتۇرۇشقا ئادەتلىنىپ، ئىلغار، تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن بەسلىشىشنى خالىمايدىكەن، ئۆلچەمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىكەن، ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالىمايدىكەن، «ئوڭدا يېتىش»قا رازى بولىدىكەن.

  ئوخشاشلا ئىستىل مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ گوچىڭ يېقىندا، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن ئۆلكە باشقۇرۇشىدىكى ياش كادىرلار كوللېكتىپى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ھەرگىز ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەي، ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا قورقۇپ ئىلگىرىلىمەيدىغان، قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا بەل قويۇۋېتىدىغان ئىشنى قىلماسلىق لازىم. كۈرەش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك قاتتىق ماھارەت، ھەقىقىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ «ياخشىچاق»، «ھىيلىگەر ئەمەلدار»، «تىنچ-ئامان ئەمەلدار» بولماسلىق كېرەك.

  ئورۇن ئىگىلىۋېلىپ ئىش قىلماسلىق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولامدۇ؟

  «ئىش قىلماسلىققا بولىدۇكى، ئىش چىقسا بولمايدۇ»، بۇنداق كادىرلاردىن راستىنلا ئىش چىقمامدۇ؟

  ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى سىياسەت ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋاقتىدا ھەل قىلماي چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق قىلىپ، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ، سىياسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىگە پاسسىپ تاقابىل تۇرۇپ، بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش...

  نىزام بويىچە، بۇنداق قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا قارىتا، بىۋاسىتە مەسئۇل كىشى ۋە رەھبەرلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

  ئۇنداقتا، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى بولسىلا، ھۆكۈمەت خادىملىرى ئاكتىپ قانائەتلەندۈرۈشى كېرەكمۇ، قانائەتلەندۈرمىسىلا قىلىدىغاننى قىلماسلىققا كىرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 2019-يىلى 4-ئايدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇنداق يېشىپ چۈشەندۈرگەن: ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى سىياسەت ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەل قىلىشقا بولىدۇ؛ ئاممىنىڭ تەلىپى سىياسەتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر رېئاللىقتا ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ سىياسەت ئاساسى كەمچىل بولسا ياكى سىياسەت، بەلگىلىمىلەردە يول قويۇلمىسا، بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلماسلىقنى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بەزى قىلىدىغاننى قىلماسلىق ئىنتىزامغا خىلاپلىق بولۇپلا قالماي، قانۇنغىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. «رېۋىزىيە قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار. خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش ئاساسلىقى ھۆكۈمەت خادىملىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى ئەستايىدىل ئادا قىلماي، توغرا ئادا قىلماي، ئاممىۋى مال-مۈلۈك، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ