مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي مەكتەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى!

2022.04.27 21:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى! تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي مەكتەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى! كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇپلا قالماي، تولۇق كۇرستىمۇ ئوقۇيالايدىغان بولدى

  كەسپىي مائارىپ قانۇنى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ، مەزكۇر قانۇننىڭ يولغا قويۇلغان 25 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى. كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۇدا ئۈچ نۆۋەت خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشتىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ماقۇللاشقىچە تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى يېڭى قانۇن بۇ يىل كۈزدە ئوقۇشقا كىرىدىغان نۇرغۇن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ، چۈنكى كەسپىي مائارىپ قانۇنىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان تۈزۈمى، ئالىي مائارىپ تۈزۈلمىسى جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى:

  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتورا مەكتەپكە ياكى كەسپىي مەكتەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ «ئىچكى چىرمىشىشى»نى يېنىكلىتىدۇ؛ تولۇق كۇرس كەسپىي مائارىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى تاللاش تېخىمۇ كۆپىيىدۇ؛ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى قاتلاملىق كەسپىي مائارىپ كىرگۈزۈلدى، بۇ تېخىمۇ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق.

  ئۇزاقتىن بۇيان، كەسپىي مائارىپ «تۆۋەن دەرىجىلىك مائارىپ» دەپ قارىلىپ كەلدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىدى، بەزى كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر مەمۇرلۇق ئىمتىھانى، كەسپىي ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلىش، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى بەرگەندە ئوقۇش تارىخى جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچرىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كەسپىي مائارىپ قانۇنىدا كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ قاتلىمى ئوخشىمايدۇ ئەمەس، بەلكى تۈرى ئوخشىمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى كەسپىي تەرەققىياتتا پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىدۇ.

  ئەلۋەتتە، كەسپىي مائارىپنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپ، تولۇق كۇرس، ئاسپىرانتلارنىڭ ئۆرلەش يولى تېخىمۇ راۋان بولسىمۇ، لېكىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، بۇ ھەرگىزمۇ جەمئىيەتنىڭ ئوقۇش تارىخىغا چوقۇنۇشىغا تۈرتكە بولالمايدۇ، كەسپىي مائارىپنىڭ يۆنىلىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈندۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ