مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جەدۋەلنى چىرايلىق تولدۇرۇش»تەك شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنايلى

2022.04.25 20:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى مەزگىلدە جايلار، تارماقلار شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خىلمۇخىل شەكىلۋازلىق قالايمىقانچىلىقىنى مەركەزلىك ئاشكارىلىدى. بەزى جايلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە رەسمىيەتچىلىك مەۋجۇد بولۇپ، تۈزۈمنى «تامغا چىقىرىش» جەھەتتە راسا كۈچ سەرپ قىلىنغان، مەسىلەن: ئاھالىلەر كومىتېتىگە بەلگە تاختىسى، تۈزۈم تاختىسى، تەشۋىقات تاختىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100گە يېقىن ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولۇپ، كىشىنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلغان، لېكىن ئەمەلىي خىزمەتنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلغان. يەنە بەزى جايلار، تارماقلار ئۈندىدار توپىنى تەكرار قۇرۇپ، خىزمەتتە زىيادە ئىز قالدۇرۇپ، بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن. بۇ پەقەت «جەدۋەلنى چىرايلىق تولدۇرۇش»لا مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىي خىزمەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئۈنۈمىنى ھىچكىم سوراپ قويمىغان.

  شەكىلۋازلىق كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتىكى ئىستىل مەسىلىسى بولۇپ، بىر تەرەپلىمىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىنىڭ تۆۋەننى تولۇق ئۇچۇر بىلەن نازارەت قىلىشى تەس، ھامان بەزى خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئورۇندىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرىنىڭ كۆزىتىشى ۋە ئىگىلىشى تەس. ئوبرازلاشقان، كۆرسىتىش ۋە كۆزىتىش ئاسان بولغان، تاماملاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولغان شەكىللەشكەن خىزمەتلەر بەلكىم تۆۋەن دەرىجىلىكلەر يۇقىرى دەرىجىلىكلەرگە كۆرسىتىشنى تېخىمۇ خالايدىغان «خىزمەت ئۈنۈمى»گە ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىلغىلى بولمايدىغان، قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان، ئەمەلىي ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن، لېكىن چوقۇم تاماملاشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرگە قارىتا، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ھەمىشە ئامالسىز يۈزەكى شەكىلگە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئۇسۇلىنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

  شەكىلۋازلىقنى تۈزەشتە، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زېھنىي كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە ئۈنۈم يېتەكچىلىكىدىكى باھالاش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. پۇختا، ئىشچان مەمۇرىيەت مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى ئورتاق تونۇش خاراكتېرلىك قىممەتكە ئايلاندۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنى چەكلەش كۈچىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنىڭ قەدىرلەيدىغان ۋە پائال يولغا قويىدىغان خىزمەت ئىستىلىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ