مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى «يەرلىك سىياسەت»نى تۈگىتىشتە چوقۇم ئىشتىن ئاۋال تۈزەش لازىم

2022.04.25 20:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئائىلە باشلىقى سىرتتىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرمىغانلىقتىن، بالا مەكتەپتىن قوغلاندى؟ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى «سۈيخۇا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى»نىڭ بىر پارچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى توردا قىزغىن تارقالدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: سۈيخۇا شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى باشقا جايدىن سۈيخۇا شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تەلەپ بويىچە مەكتەپكە ئەنگە ئالدۇرمىغان، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى زىچ ئۇچراشقۇچى بولۇپ، پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ۋە سەككىز دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى ھەمدە بىللە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئايرىپ كۆزىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەكتەپ بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن ھەيدەش قارارىنى چىقاردى.

  بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تورداشلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ھېلىمۇ ياخشى سۈيخۇا شەھىرى ناھايىتى تېزلا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلدى.

  ئوقۇغۇچىنى خالىغانچە مەكتەپتىن ھەيدەش ناھايىتى بىمەنە بولۇپ، بەزى ئاساسىي قاتلامدىكى جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى «يەرلىك سىياسەت»لىرىنىڭ بىمەنە ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەركەزنىڭ روھىغا خىلاپ، كەلسە-كەلمەس قوشۇۋېلىنغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش «يەرلىك سىياسەتلىرى» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاساسىي ئېھتىياجىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى «قوش بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ئىشقا ئاشۇرالمايلا قالماي، داۋالاش، قاتناش، كۆكتات سېتىۋېلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىغا توسالغۇ پەيدا قىلدى، شۇنداقلا ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قالايمىقان ئىش قىلىشى ئاممىنىڭ قەلبىگە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئاسانلا سەلبىي جامائەت پىكىرى پەيدا قىلدى.

  «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. كەلسە-كەلمەس قوشۇۋالغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش «يەرلىك سىياسىتى» «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىغا زىت، ئۇنى جەزمەن قەتئىي توسۇش كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە «ھەرقايسىسى ئۆز كانايلىرىنى چېلىش، ھەرقايسىسى ئۆز مۇقامىنى ئېيتىش»قا بولمايدۇ، ھەقىقىي تۈردە «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش»، «كاللىدا ئومۇمىيەت بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىر ئەينەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان-ساقلىمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ. «يەرلىك سىياسەت»نىڭ سەلبىي ئۈنۈمىنى ئەلۋەتتە ئىشتىن كېيىن تۈزىتىش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشتىن بۇرۇن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش لازىم. بەلگىلىمە چىقىرىشتا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش، سىياسەتنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھوقۇقىنى ئاشكارا يۈرگۈزۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ