سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 20-چېسلا 2022- يىللىق 3-تۈركۈمدىكى (ئومۇمىي 23-تۈركۈمدىكى) ئابونتلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق Appتوغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش 37 خىل App غا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى App نىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، شەخسىي ئۇچۇرنى دائىرىدىن ھالقىپ توپلاش، ئابۇنتلارنى نىشانلىق يوللاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش، مەجبۇرىي ھالدا ھەددىدىن زىيادە ھوقۇق بېرىشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: «شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى»، «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «تېلېگراف نىزامى»، «تېلېگراف ۋە ئالاقە تورى ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا 3-تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ، كۆچمە ئالاقە تورى قوللىنىشچان پىروگراممىسى (App) نى تەكشۈردى. ھازىرغا قەدەر، 37 خىل App ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزەتمىگەن (تەپسىلاتىنى قوشۇمچە ھۆججەتتىن كۆرۈڭ). بۇ APP لار 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك. مۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ تۈزەتمىگەنلەرگە قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
قوشۇمچە ھۆججەت: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان مەسىلە ساقلانغان App تىزىملىكى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ