مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دېھقانلار يەر تېرىشقىمۇ ئوغرىلىقچە بېرىشى، مۇناسىۋەتكە تايىنىشى كېرەكمۇ؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» مول ھوسۇلنىڭ ئۈمىدىنى بەربات قىلمىسۇن

2022.04.21 23:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېھقانلار چارلاش خادىملىرى دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سەھەردە ئوغرىلىقچە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلغان؛ يىغىۋېلىنغان كۆكتاتلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش چازىسى ئارقىلىق كۆكتات ھايانكەشلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان... يېقىندا، شىمالىي جۇڭگودىكى مەلۇم ناھىيەدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ مۇخبىرغا ئىنكاس قىلىشىچە، شۇ جايدا يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن قامال قىلىش-تىزگىنلەش رايونى، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش رايونى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رايونىغا ئايرىلغان، لېكىن بارلىق رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيى، پارنىكى ۋە يېزا ئىگىلىك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسىگە پېچەت چاپلانغان، كەنتكە كىرىدىغان چوڭ يولنى بەزىلەر بېقىپ تۇرغان، چىغىر يوللارغا توپا دۆۋىلەپ قويۇلغان. كەنت ئاھالىلىرى تېرىقچىلىق قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئېتىز ۋە پارنىكتىكى كۆكتاتلارغا قاراپ، ئالدىراشتىن باشقا ئامال قىلالمىغان.

  نۆۋەتتە، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ھەم ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشتىكى مۇھىم تۈگۈن. بەزى يېزا رايونلىرىدا يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن رايونغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىش، تۈرگە ئايرىش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرمەي، بەلكى ھەممىلا جايدا چازا قۇرۇپ، قامال قىلىپلا ئىشنى تۈگەتكەن. ئەسلىي دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولسىمۇ، دېھقانلار ئېتىز-ئېرىقلارغا بارالماي، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يولغا چىقالماي، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئوبوروت قىلىنالماي قالغان، ھەتتا دېھقانلار ئېتىزغا بېرىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈنمۇ، ئوغرىلىقچە بېرىشقا مەجبۇر بولغان، ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش چازىسىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

  يېزا ئىگىلىكى مۇقىم بولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ. يۇقۇم ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قوش تەسىرىدە، دۇنيا مىقياسىدا ئاشلىق بىخەتەرلىكى مىسلىسىز دىققەت-ئېتىبارغا ئېرىشمەكتە، دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى دېھقانلارنىڭ كىرىمى، تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. يۇقۇم يۈزبەرگەن يېزا رايونلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى قانداق قىلىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش — يەرلىك ھۆكۈمەتلەر كۈچ سەرپ قىلىپ مۇلاھىزە قىلىپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ جەھەتتە بۇرۇنلا سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىسى چىقىرىلغان. نۆۋەتتە، دۆلەت يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دېھقانچىلىق ۋاقتى، دېھقانچىلىق ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، توسۇش نۇقتىلىرى، چازىلارنى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە خادىملار ئەشيا ئوبوروتى تەرتىپىنى قوغداپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ياخشى تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. لېكىن ئايرىم جايلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈش شوئارى جاھاننى زىل-زىلىگە سالدى، ئەمما كونكرېت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئىجرا قىلىنمىدى، ھەتتا ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، قاتلاممۇقاتلام شەرت قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا دەخلى يەتكۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە دېھقانلار ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ۋاقىتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، سەللا دەخلى قىلىنسا، بىر يىللىق ھوسۇلغا دەخلى يېتىدۇ. يېزا رايونلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام يۇقۇم مۇداپىئەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەدبىرلەر تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشتە تېخىمۇ كونكرېت ۋە ئىنچىكە بولۇشى كېرەك، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە ھەرگىز بولمايدۇ. رايونلارغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەرلىك ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلارنى رەتكە تۇرغۇزۇشى، كۆڭلىدە سان بولۇشى ھەم دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى، جىددىي-جىددىي ئەمەسلىكىگە ئاساسەن كونكرېت ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاكتىپلىقىغا، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۈمىدىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ