مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ ئىككى سۆزگە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەخپىي نومۇرى يوشۇرۇنغان

2022.04.21 19:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ: «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش» جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىدىكى مۇقەررەر يول، دەپ كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم بايان پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى مۇساپە، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بار بولىدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ. بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ، جۇڭگو خەلقىنىڭ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر. يېڭى مۇساپىدە، بىز تۈرلۈك مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز. بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغاشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولىدىغان كۈرەش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە تېخىمۇ موھتاج.

  ئېنىق كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىقتۇر، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئەڭ كۈچلۈك كۈرەشتۇر. نىشان قانچە ئۇلۇغۋار بولسا، شۇنچە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش روھى ئارقىلىق يېتىپ بېرىش كېرەك؛ مۇساپە قانچە ھەيۋەتلىك بولغانسېرى، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىرادىسى بىلەن يول ئېچىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى بېكىتىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جاسارىتىنى ئاشۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش ماھارىتىنى تاۋلاپ چىقساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ