مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ» دېگەننى كۆپرەك ئويلاپ، «قائىدىگە چۈشەمدۇ- يوق» دېگەننى كۆپرەك سوراش لازىم

2022.04.19 19:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خىزمەتتە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، قالايمىقان ئىش قىلىش؛ ئاممىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، قوپال، ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقىغاندا، پۈتۈن ئۆلكىدىكى كادىرلار، ئامما ۋە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.» يېقىندا خېبېي ئۆلكىسى مەسىلە يىپ ئۇچىنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا توپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش ئەھۋالىنى تۈزەشكە قارىتىلغان.

  قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش — شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلە، بولۇپمۇ قالايمىقان ئىش قىلىش بەزىدە تېخىمۇ زور زىيان پەيدا قىلىشى مۇمكىن. قالايمىقان ئىش قىلىشنىڭ يىلتىزى خاتا نەتىجە قارىشىدا. قالايمىقان ئىش قىلىشنى توسۇشتا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىغا تايىنىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ئادا قىلىش، قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «رەھبىرىي كادىرلار قانۇن ئىدارە قىلىشقا بولغان ھۆرمەتنى قانۇندىن ئەيمىنىش تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ سىرتىدا ئەمەس، قانۇنچىللىقنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى قانۇنچىللىقنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ مەسىلىنى ئويلىشى، تەدبىر بەلگىلىشى، ئىش بېجىرىشى كېرەك.»

  مەمۇرىي ھوقۇق قوش بىسلىق شەمشەردۇر، قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەندە دۆلەتكە، خەلققە پايدىلىق بولىدۇ، كەلسە-كەلمەس ئىشلەتكەندە، دۆلەت ۋە خەلققە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەمەلىي خىزمەتتىكى قالايمىقان ئىش قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قانۇن بولسىمۇ ئاساسلانماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، ھەتتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش، قانۇنچىللىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن كېلىپ چىققان. تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا قانۇنغا تايانمىسا، يولغا قويۇش جەريانىدا قانۇنغا رىئايە قىلمىسا خىزمەتتە ئېغىش يۈز بېرىپ، ئاخىرىدا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدۇ، ئاممىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدۇ.

  قانۇنچىللىققا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇندىن ئەيمىنگەندە، تەدبىر بەلگىلەش مىزانىغا، ئىلمىي يېتەكچىلىككە ئىگە بولىدۇ. بىر قىسىم جايلاردا كۆرۈلگەن قالايمىقان ئىش قىلىش ھادىسىلىرى تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. رەھبىرىي كادىرلار ئىش قىلىشتا ئالدى بىلەن قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتە ئامما قاتنىشىش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش، خەۋپ-خەتەرنى باھالاش، قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى توغرا تاپقىلى ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغىلى، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  يولغا قويۇش جەريانىدىمۇ قانۇنچىللىق دائىرىسى ئىچىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك. نۇرغۇن قالايمىقان ئىش قىلىش ھادىسىلىرى دەل ھەددىدىن زىيادە تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئىنتىلىپ، ھازىرقى تەرتىپنى بۇزۇپ تاشلاشتىن كېلىپ چىققان. رەھبىرىي كادىرلار ھوقۇق يۈرگۈزۈش جەريانىدا قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆپرەك ئويلاپ، «قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ-ئەمەسمۇ» دېگەننى كۆپرەك ئويلاپ، «قائىدىگە چۈشەمدۇ-يوق» دېگەننى كۆپرەك سورىشى لازىم.

  قائىدە بولمىسا ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، ھەرقانداق ئومۇمىي ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى قانۇننىڭ چەكلىمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار توغرا نەتىجە قارىشى، ھوقۇق قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئاساسىدا مەسىلىلەرنى ئويلاپ، تەدبىر بەلگىلەپ، ئىش بېجىرگەندىلا، ئاندىن ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دەۋر ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ