مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە

2022.04.18 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك» باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يەنە بىر قېتىم «چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە» دەپ تەكىتلەپ، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە، پۇختا تۇتۇش»نى ئېنىق تەلەپ قىلدى.بۇ، بىزنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشىمىزدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  دۆلىتىمىز 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت، ئېغىر يۇقۇم ۋە زور تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش باشتىن- ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىغان چوڭ ئىشى. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، نەچچە ئون قېتىم قىسمەن رايونلاردا يۈزبەرگەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى تېز، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى، دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتە ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن ئەڭ زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، ئىلىم-پەنگە ئۇيغۇن، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ھېسابلىنىدۇ.

  يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ئۆلكىلىرىدە ئوخشاش مەزگىلدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ئومىكېرون ئۆزگەرگەن تۈپىنى ئاساس قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولدى. قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا شۇنچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئومىكېرون ئۆزگەرگەن تۈپىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، گەرچە ئۇنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى باشقا زەھەر تۈپىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك، تارقىلىش سۈرئىتى تېز، يوشۇرۇنۇشچانلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى ۋە كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك يۇقۇملانغۇچىلار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، تېخىمۇ ئاسان كەڭ دائىرىدە تارقىلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا قاتتىق تىزگىنلەنمىسە، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپى ئېغىرلىشىپ، داۋالاش بايلىقىنى تېز خورىتىۋېتىدۇ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ رېئال دۆلەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 60 ياش ۋە 60 ياشتىن ئاشقان نوپۇس 267 مىليونغا يېتىدىكەن، يەنە 50 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان كىشى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئەملەتمىگەن. دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي نوپۇس تۈپ سانى، ياشانغانلار توپى كۆلىمى زور بولغان ئەھۋالدا، ئەگەر «پەرۋا قىلماي»، «ئالدىنى ئالماي» پەقەت«ئىدارە قىلىش» بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق، ياشانغان ئاغرىقلار، ئېغىر ئاساسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى ۋىرۇسنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراپلا قالماي، يەنە كەڭ دائىرىلىك قايتا كۆرۈلۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىۋېتىدۇ، ھەتتا يوققا چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتنىڭ نۆۋەتتە چوقۇم ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك يۇقۇم مۇداپىئە لىنىيەسى.

  يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ھېچكىم چەتتە قاراپ تۇرغۇچى ئەمەس، ھەربىر ئادەم مەسئۇل كىشى. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىر تۈرلۈك جاپالىق، ئېغىر ھەم ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك خىزمەت. چىڭ تۇرۇش ئىنتايىن جاپالىق بەدەل تۆلەش، ئىنتايىن چارچىغان ھالدا چىڭ تۇرۇش، چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ، بولۇپمۇ يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن بولغان جايلار قورشاش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا بەزى قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. لېكىن بۇ، ۋىرۇس بىزنى مەجبۇر قىلىپ ئىلاجسىزلىقتىن چىقارغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت ئىسپاتلىغان ئۈنۈملۈك بولغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى. كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ۋاقىتلىق قولايسىزلىق تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك قولايلىق بولۇشنى، قىسمەن دائىرىدە چىڭ تۇرۇش تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ پۇقرالارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش ھەم ئۆزىنى قوغداش، ھەم باشقىلارنى قوغداش، ھەم گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىش، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -كونترول قىلىش ئومۇمىيىتىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈندۇر.

  نۆۋەتتە، يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا يۇقىرى باسقۇچتا تۇرماقتا، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيمەكتە، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھالقىلىق، مۇھىم مەزگىلدە تۇرماقتا. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار، تەرەپلەر چوقۇم «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن بولۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ھالقىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»نىڭ جەۋھىرى بىرىنچىدىن، تېز بولۇش، ئىككىنچىدىن، دەل جايىدا بولۇشتىن ئىبارەت. ۋىرۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، تېز كونترول قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئىنچىكە، تەپسىلىي، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش يېڭى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار، تەرەپلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر –ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى تەڭ مەسئۇل بولۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يۇقۇم بىرقەدەر ئېغىر جايلاردا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار رولىنى داۋاملىق پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشى كېرەك.

  چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە، چىڭ تۇرغاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، چىڭ تۇرغاندىلا چوقۇم غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. 45 كۈنلۈك جاپالىق جەڭ ئارقىلىق، جىلىن ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى شەھەر، ئوبلاستلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە جەمئىيەت دائىرىسىدە نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، بىزنىڭ «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»كە پۈتۈنلەي ئاساسىمىز، شارائىتىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قەتئىي بوشاشمايدىغان غەيرەت، «قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» جاسارەت بىلەن داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن، جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، كىچىك غەلىبىلەرنى توپلاپ چوڭ غەلىبە قىلساق، بىز چوقۇم دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ