مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشىغا نەزەر

شىنجاڭ «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونى: ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كۈچلۈك ئەمەس، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايى كۆپ يۈز بەردى

2022.04.15 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونىدىكى ئامما ئېغىر ئەندىشە قىلىپ: «قىش كېلىشى بىلەنلا ئاسمان خۇددى ‹كۈلرەڭ تۇۋاق› بىلەن دۈملەپ قويۇلغاندەك بولۇپ كېتىدۇ، سىرتقا چىقىپ چېنىقىشقا ئامال يوق، ياشانغانلار سىرتقا چىقمىغۇدەك بولسىلا سىرتقا چىقمايدۇ» دېدى.

  «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونى ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىسمەن جايلىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 2022-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، بۇ رايوندا ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانىنىڭ نىسبىتى %30.4 كە يەتتى.

  مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 5-گۇرۇپپىسى يېقىندا «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ قاتتىق، ئەمەلىي ئىشلەنمىگەنلىكىنى، ئىسسىنىش مەزگىلىدە ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنىڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدى.

  قىش پەسلىدە «شىنجاڭچە كۆك ئاسمان» كۆرۈنمىدى، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايى كۆپ يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى

  ئىگىلىنىشىچە، «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى ئېغىر سانائەتكە مايىل بولۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى كۆمۈرگە مايىل، تاشيول تىرانسپورتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولغان. بۇ رايون پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %4.1 ىنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت زېمىنى بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېرىمغا يېقىن كۆمۈر ئىستېمال مىقدارى، يېرىمىدىن كۆپرەك گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ئازوت ئوكسىدى، دانچە ماددىلار، تۆتتىن بىر قىسىم پارلىنىشچان ئورگانىك ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى ئىگىلىگەن.

  «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. جۇڭگو مۇھىت كۆزىتىش باش پونكىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، قىش پەسلىدە بۇ رايوندىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى (AQI) دائىم ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى شۇ جايدىكى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  «قىشتا كۆك ئاسماننى پەقەت قار ياغقاندىن كېيىنكى بىر-ئىككى كۈندىلا كۆرگىلى بولىدۇ.» بۇ رايوندا ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان بىر ئاھالە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «قاردا ھاۋادىكى دانچىلار بار بولۇپ، يەرگە چۈشسە قاپقارا بولۇپ كېتىدۇ. مەن كىچىك ۋاقتىمدا بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى كۆك، قار سۈيى سۈزۈك ئىدى، ھازىر كىچىك بالىلارنى خالىغانچە قار ئوينىغىلى قويالمايمىز.»

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونىدا كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پولات-تۆمۈر ۋە رەڭلىك مېتال قاتارلىق نۇرغۇن ئېغىر سانائەت تۈرلىرى يولغا قويۇلدى. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، شۇ جاينىڭ قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى ئېغىر دەرىجىدە گەۋدىلىك بولدى. 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونىدىكى تۆت شەھەر، ئوبلاستتا بىرلا ۋاقىتتا ئۇدا توققۇز قېتىم ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋارايى كۆرۈلدى. يەرلىك ھۆكۈمەت داۋاملىق تىرىشىپ تۈزىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈزەش سۈرئىتى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئارقىدا قالدى.

  رايون ئىچىدە ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىپ، «بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسى» مۇستەھكەم بولمىدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون، شەھەر، ئوبلاستلار «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ھۆججەت چىقاردى ھەم مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. «ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، ئوتۇنكوزا رايونلىرىنىڭ مۇھىتىنى بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكتە تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەردە: «بىر تاختا شاھمات بولۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش سىياسەت تۈزۈش، بىرتۇتاش ئۆلچەم تۈزۈش، بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايونلارنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكتە تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قارىشىچە، ئالاقىدار تەلەپلەر پەقەت قەغەز يۈزىدىلا توختاپ قالغان، «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونىدا ھەم بىرلىككە كەلگەن يىرىك پىلان، سىياسەت ئۆلچىمى سىستېمىسى ئورنىتىلمىغان، ھەم تەلەپ بويىچە نازارەت قىلىش يولغا قويۇلمىغان، شەھەر، ئوبلاست ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئەھۋالى يەنىلا بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولغان.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنداق قارىدى: ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاستلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە ئالاقىدار تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىدى، رايونلار بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكتە تۈزەش، «بىر تاختا شاھمات بولۇش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزمىدى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمىتى تەلەپچان، راستچىل بولمىدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولمىدى.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «‹ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە› رايونىدىكى جايلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىدى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك ئەمەس، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك ئەمەس، ھەتتا تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ قويدى. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمىتى تەلەپچان، راستچىل بولمىدى، بەزى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئارقىدا قالدى.»

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ ھەمدە تەلەپ بويىچە كېيىنكى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

  زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كادىرلار ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار تارماقلار ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىكى جاھىل كېسەللىكلەرنى تۈزىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرى بىرقەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، كەلگۈسىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەم ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ