مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر تۈركۈم ماگىستىر قاتلىمىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشتۈرۈلىدۇ

«ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچلەندۈرۈش پىلانى» ئېلان قىلىندى

2022.04.15 18:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ «يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي مائارىپتا ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچلەندۈرۈش پىلانى» (تۆۋەندە «ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچلەندۈرۈش پىلانى» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچلەندۈرۈش پىلانى»غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رېن يوۋچۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەردە جەمئىي 18 مىليون 440 مىڭ مەخسۇس ئوقۇتقۇچى، 15 مىليون 860 مىڭ ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %86ىنى ئىگىلەيدۇ. مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندا ئىگىلىشىچە، كۈچلۈك «ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچلەندۈرۈش پىلانى»دا تۆت چوڭ جەھەتتىن 15 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن ——

  بىر تۈركۈم ماگىستىر قاتلىمىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈلىدۇ

  «ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچلەندۈرۈش پىلانى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلىغا بارغاندا، بىر تۈركۈم دۆلەت پېداگوگىكا مائارىپى بازىسى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھ قىلىش تەجرىبىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم ماگىستىر قاتلامدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ باشلامچىلىرى يېتىشتۈرۈپ چىقىلىدۇ؛ 2035-يىلىغا بارغاندا، ئېچىۋېتىلگەن، ماسلاشقان، ھەمتۈرتكە بولىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، مۇكەممەل بولغان ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي تەرەققىيات مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاساسىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە مائارىپ، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئادەتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ ماگىستىرى، دوكتورى يېتىشتۈرۈشكە ھوقۇق بېرىش نۇقتىسى جەھەتتە قوللاش كۈچەيتىلىدۇ

  50 ئەتراپىدىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىلىپ، بىر تۈركۈم دۆلەتلىك پېداگوگىكا مائارىپى بازىسى قۇرۇلىدۇ. دىققەتنى ئاجىز پېداگوگىكا مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پېداگوگىكا داشۆلىرى ۋە يەرلىكتىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرى بىرلىكتە ئۆمەك تەشكىللەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 30 نەچچە ئاجىز پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى، پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ. مائارىپ ماگىستىرى، مائارىپ دوكتورى ئۇنۋانى بېرىدىغان ئورۇن ۋە ھوقۇق بېرىش نۇقتىسى جەھەتتە پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى يېتەكلەش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسال داشۆلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

  بىر قىسىم پېداگوگىكا مەخسۇس كۇرسلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپكە ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ

  مىنىستىرلىققا قاراشلىق پېداگوگىكا داشۆلىرى بىلەن يەرلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ پېداگوگىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مىنىستىرلىققا قاراشلىق پېداگوگىكا داشۆلىرى قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە تايىنىپ، يەرلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئۈچۈن دوكتور قاتلىمىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش كېرەك. ئوقۇتۇش تارىخى ئۇزۇن، سۈپىتى ئەلا، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان بىر قىسىم پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوملىرىنى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى قىلىپ ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىش كېرەك.

  مائارىپ ماگىستىرى، مائارىپ دوكتورىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كېڭەيتىلىدۇ

  تولۇق كۇرس ۋە مائارىپ ماگىستىر ئاسپىرانتلار باسقۇچىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە لايىھەلەش، بۆلەكلەر بويىچە باھالاش، ئۇدا تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بىر گەۋدە قىلىنغان ئالاھىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق بىرىكمە ماگىستىر قاتلىمىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق پېداگوگىكا داشۆلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توختامنى ئادا قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. يېزا مەكتەپ مائارىپى بويىچە ماگىستىر ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. مائارىپ ماگىستىرى، مائارىپ دوكتورى قوبۇل قىلىش پىلانىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ۋە قەرەللىك رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە قەرەللىك رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى چوقۇم مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى كېرەك. پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىمتىھانىسىز بېكىتىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ تۈرىدىكى ئاسپىرانتلار، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئەلاچى ئوقۇتقۇچىلار پىلانىدىكى پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھانسىز ئېتىراپ قىلىش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇنۋان باھالاش جەھەتتە ئالاھىدە مەدەت بېرىش يولغا قويۇلىدۇ

  يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇنۋان باھالاش-تەكلىپ قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە قوللاش يولغا قويۇلۇپ، «نىشانلىق باھالاش، نىشانلىق ئىشلىتىش» يولغا قويۇلۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى كونترول قىلىنىپ، نىسبىتى ئايرىم بولىدۇ. يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبوروت ياتىقى قۇرۇلۇشى ۋە تۇرالغۇ كاپالىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوبوروت ياتىقى بولۇشى، ناھىيە بازىرىدا مۇقىم تۇرالغۇسى بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  نەتىجە-ئۈنۈم مائاشى جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردىكى مەكتەپ قاتارلىقلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ

  ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جايلار نەتىجە-ئۈنۈم مائاشىنى يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەمدىكى مەكتەپلەرگە، جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردىكى مەكتەپلەرگە مايىللاشتۇرىدۇ، نەتىجە-ئۈنۈم مائاشىنى تەقسىملەشتە سىنىپ مۇدىرى، مائارىپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان 1-سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، ئالاھىدە مائارىپ بىلەن بىللە ئوقۇيدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ. يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئورنى ۋە تەمىناتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، «مەكتەپ قانچە چەت، شارائىتى قانچە جاپالىق، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى شۇنچە يۇقىرى» بولۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  تەرەققىي تاپقان رايونلار ۋە تەرەققىي تاپمىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئوخشاش دەرس» ئوقۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئەقلىي مائارىپ سۇپىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا ئالاقىدار فۇنكسىيەسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رەقەملىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىلىپ، تەرەققىي تاپقان رايونلار ۋە ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئوخشاش دەرس ئوقۇشى»، ئوقۇتقۇچىلار بىرلىكتە «ئوخشاش دەرس تەييارلاش» ئىشقا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ