مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قىيىنچىلىقى مەسىلىسى ھەل بولدى!

«يېڭى دەۋر ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پىلانى» ئېلان قىلىندى

2022.04.15 13:31 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «يېڭى دەۋر ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پىلانى»غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تۇرالغۇ كاپالىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەن ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار ئولتۇراق ئۆي كاپالىتى سىستېمىسى ئارقىلىق تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ كۆپ خىل يولى ۋە ئۇسۇلى بار.

  2021- يىلى 6-ئايدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋر ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پىلانى»نى تارقىتىپ، دۆلەت قاتلىمىدا تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي ۋە ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇ ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 26 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى، 36 مىڭ ياش ئوقۇتقۇچى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى كاپالىتى ئارقىلىق تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئولتۇراق ئۆي كاپالىتى سىستېمىسى ئارقىلىق تۇرالغۇ ئۆي قىيىنچىلىقىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا پەن ۋېي مۇنداق دېدى: بىرىنچى، شۇ جاي بەلگىلىگەن ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە ئىجازەت بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تۇرالغۇ ۋە كىرىم قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلار ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئەمەلىي ئۆي مەنبەسى ياكى ئىجارە ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. نۆۋەتتە، بىر قىسىم جايلار يەنە شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار توپى قۇرۇلۇشى ياكى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى تەقسىملەشكە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئىككىنچى، جايلار گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان [2021] 22-نومۇرلۇق ھۆججەتتىكى تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ساقلانما يەر ۋە ئۆيلەردىن پايدىلىنىپ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي سېلىشى قاتارلىقلارنى قوللاش ئارقىلىق كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەمىناتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار توپىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئۈچىنچى، جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، بولۇپمۇ ياش ئوقۇتقۇچىلار بىر مەزگىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، بىر مۇقىم جۇغلانمىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگە بولسا بولىدۇ.

  «بۇ قېتىم بىز ‹يېڭى دەۋر ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پىلانى› نى ئېلان قىلدۇق، بۇ پىلاننى ئېلان قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، بىز يەنە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار توپىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى داۋاملىق تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ئارقىلىق يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار توپىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش، خاتىرجەم ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ» دېدى پەن ۋېي.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ