مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىرەر جۈملىنى كۆپرەك سوراپ، بىرەر قاتلامنى كۆپرەك ئويلاش لازىم

2022.04.14 22:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جېجياڭ جياشىڭدا، قاتناش ساقچىسى جۇ مىڭلېي بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، شوپۇرنىڭ ھالىتىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى بايقىغان: ئېنىقلا ھاراق ئىچمىگەن تۇرۇپ، قانداقسىگە مەست بولۇپ قالغاندەك بولۇپ قالدى؟ سوئال سوراش ئارقىلىق، قۇرۇق كۆمۈر ساماۋەر شورپىسى ئىچكەندىن كېلىپ چىققان كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىدىن زەھەرلەنگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ، دەرھال ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتقان. جۇ مىڭلېي بىللە ساماۋەر شورپىسى ئىچكەنلەر بار-يوقلۇقىنى يەنىمۇ سوراش ئارقىلىق، يەنە ئالتە كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن، جۇ مىڭلېي دەرھال شوپۇرنىڭ يان تېلېفونى ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۈچەيلەننىڭ يەنىلا تاماق يەۋاتقانلىقىنى، قالغان ئۈچىنىڭ بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ئۆيىگە قايتقانلىقىنى بايقىغان. جۇ مىڭلېي يەنە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ساقچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا تېپىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، ئاخىرى خەتەرنى تۈگەتكەن.

  خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندا، بىرەر جۈملە ئارتۇق سوراپ قويۇشقا بولىدۇ. ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ تېز ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىل، ئىنچىكە خىزمەت ئىستىلى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئامما كۆزنەككە بېرىپ ئىش بېجىرگەندە تەرتىپ، رەسمىيەت، ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. بۇ چاغدا، خىزمەتچى خادىملار ئەگەر بىر جۈملە ئارتۇق سوراپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرسا، ۋاقتىدا ياردەم قىلالايدۇ ياكى ئۇچۇر تولۇقلاشنى ئەسكەرتىدۇ، ياكى ئاددىي ئۇسۇللارنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئاممىنىڭ بېرىپ كېلىشتىكى ھېرىپ-چارچاشلىرىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاممىنىڭ تەسىراتى تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بىرەر جۈملىنى ئارتۇق سوراش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا چۈشەنمىگەن جايلارنى كۆپرەك سوراپ، چۈشىنىپ بولغان جايلارغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك. بەزىدە مەسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بىر جۈملىنى كۆپ سوراش، بىر قېتىم ئارتۇق بېرىشتا. پەقەت «بىرەر جۈملە ئارتۇق سوراپ» ئۈزلۈكسىز يېڭى ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن «بىر قاتلامنى كۆپ ئويلاپ» ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى، ئاندىن ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ.

  «بىرەر جۈملە ئارتۇق سوراش»قا ئالقىش ياڭرىتىپ، خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئالقىشلايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ