مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2022-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

2022.04.14 22:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 13-كۈنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2022-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان. بۈگۈندىن باشلاپ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، «غەربىي رايون پىدائىيلار جەملىمىسى» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ۋە غەربىي رايون پىلانى ئورگان تور بېكىتى ئارقىلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدىكەن.

  2022-يىللىق غەربىي رايون پىلانىنىڭ مەملىكەت بويىچە تۈر يولغا قويۇلۇش كۆلىمى داۋاملىق 20 مىڭ ئادەم كۆلىمىدە ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، يەرلىك تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش كۆلىمى 30 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدۇ. يېزا مائارىپى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ساغلام يېزا-كەنت، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى، يېزا-كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىش، شىزاڭغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يەتتە مەخسۇس تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل غەربىي رايون پىلانى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 19 يىللىقى بولۇپ، جەمئىي 41 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي قوبۇل قىلىنىپ، 2000 دىن ئارتۇق ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) نىڭ ئاساسىي قاتلام مۇلازىمىتىگە ئەۋەتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ