مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش لازىم

2022.04.07 22:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش — دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە قانۇنلارنىڭ 90دىن ئارتۇق قانۇندا مىللىي مەسىلە توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى؛ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارمۇ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 139 ئاپتونومىيە نىزامى ۋە 900دىن ئارتۇق يەككە نىزامنى تۈزۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە سېلىشتۇرغاندا، مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنىڭمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جايلىرى بار.

  يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مىللەتلەر قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم

  ئاساسىي قانۇننى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، مىللەتلەر قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ-كۆزىتىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى چىقىرىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى دۆلەتنىڭ پۈتكۈل قانۇنچىللىق سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈش لازىم. ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلار بىلەن بولغان ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق مىللەتلەر قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم

  مىللەتلەر قانۇنچىللىق تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خىزمەت داۋامىدا، «ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا چېتىلىدىغان ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئىشلار خىزمىتىنى ئاددىي ھالدا مىللەتلەر خىزمىتىگە يىغىنچاقلاش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ، جىنايى ئىشلار مەسىلىلىرىنى ئاددىي ھالدا مىللىي مەسىلىگە يىغىنچاقلاش، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئادەتتىكى زىددىيەت-ماجىرالارنى ئاددىي ھالدا مىللىي زىددىيەتكە يىغىنچاقلاش» خاھىشى ۋە ھادىسىلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش لازىم

  ئامېرىكا، غەربنىڭ شىنجاڭغا، شىزاڭغا چېتىلىدىغان ئاتالمىش «مىللىي مەسىلە»لەردە قانۇن قارتاسى ئويناپ، مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ بىزگە بېسىم ئىشلىتىشتەك كەسكىن ۋەزىيەتكە قارىتا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن كۈرىشى قورال ساندۇقىنى بېيىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى كۈچلۈك قانۇن قورالىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ