مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاي ئىچىش ئارقىلىق ھەممە كېسەلنى داۋالاپ باي بولغىلى بولامدۇ؟

شاخلىتىپ سېتىشنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ

2022.04.07 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ئارتىپ كېتىش، يۇقىرى قان شېكىرى، يۇقىرى قان قويۇقلۇق، راك، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىچەمسىز؟»، «7000 يۈەن تاپشۇرسىڭىزلا 100 مىڭ يۈەن تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.»... يېقىندا، بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق دەپ قاراپ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن خۇالەي قاراچايچىلىقى ھازىر فۇجوۋدا نۇرغۇن دۇكان ئاچقان بولۇپ، سىرتقا قارىتا تىجارەت قىلىش جەريانىدا، چاي ئىچىشنىڭ دورىلىق ئۈنۈمى ۋە قاراچاينى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس»تىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ، دەپ مۇبالىغە قىلىپلا قالماي، يەنە شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق ئىكەن.

  ئاشكارىلىنىشىچە، خۇالەي قاراچېيى سودىگەرلىرى توردا ئېلېكتىرونلۇق مال سېتىۋېلىش سۇپىسىغا تايىنىپ مەشغۇلات قىلغان، تور سىرتىدا شىركەتنىڭ مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلىش، تىجارەت، مەبلەغ سېلىش، مۇلازىمەت تۈرى ۋە پايدا ئېلىش ئىستىقبالى قاتارلىق شەكىللەرنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى خۇالەي قاراچېيى سېتىۋېلىشقا كۈشكۈرتكەن، ئادەم سانىنى كۆپەيتىشنى ھەق ھېسابلاش ياكى پايدا قايتۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، باشقىلارنى شېرىكچىلىككە قىزىقتۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن قاتلام مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

  بۇ خىل «ئېلېكتىرونلۇق سودا + ھەمكارلىق شەكلىدىكى پارچە سېتىش» ئەندىزىسى قارىغانسېرى شۇنچە تونۇش كۆرۈندىمۇ؟ بۇ دەل ئىلگىرى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئەزالىق ھەققى تاپشۇرۇش، تۆۋەن قاتلامنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قاتلاممۇقاتلام ھەق ھېسابلاش قاتارلىق شاخلىتىپ سېتىش ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

  كونىلاردا ئاسماندىن پوشكال چۈشسە، يەردە قاپقانغا دەسسەپتۇ، دېگەن گەپ بار. قاراچاينىڭ ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، ئاتالمىش «ئۇستاز»لار «ئۆزىنىڭ ئىككى ئايدا 100 مىڭ يۈەن تاپىدىغانلىقى، ئالتە سائەتتە 70، 80 مىڭ يۈەن تاپىدىغانلىقى» ھەققىدە پو ئېتىپ، يېڭى كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل «تېز بېيىش»نىڭ ئارقىسىدىكى سىر ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئاز مەبلەغ سېلىپ كۆپ پايدا ئالىدىغان ئازدۇرۇشلار ئاستىدا، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر شاخلىتىپ سېتىشتىن ئىبارەت بۇ پاتقاققا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالماي، ھەتتا ئائىلىسى قاقسەنەم بولۇپ، خانىۋەيران بولىدۇ.

  يۇقۇم ئاستىدا، قىسمەن ناچار سودىگەرلەر كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن تەن ساغلاملىقى مەسىلىسىگە قارىتا پەيدا بولغان ھەر خىل تەشۋىشلىرىدىن پايدىلىنىپ، «قاراچاي راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راكقا قارشى تۇرالايدۇ، ھەتتا يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋە يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ئىككىلەمچى ساغلاملىق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلدى. بۇنداق تەشۋىقاتقا قارىتا، مۇتەخەسىسلەر: قاراچاينىڭ رولى ئىلاھلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خۇالەي ھېس قىلىش سارىيىدىكى خادىملارنىڭ سۆزى پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.

  شاخلىتىپ سېتىش ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت. ئۇزۇندىن بۇيان، جەمئىيەت بىلەن قانۇن تەڭ كۈچەپ، ساۋاتلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. لېكىن شاخلىتىپ سېتىشقا زەربە بېرىش بىر كۈندىلا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، كېيىنكى قەدەمدە يەنە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تارماقلار ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، شاخلىتىپ سېتىش يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك.

  كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما، لېكىن «ھەممە كېسەلنى داۋالايدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنغان ھەر خىل ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىغا ئىدراكىي مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاسماندىن بىكارغا پوشكال چۈشمەيدۇ، ئۇخلىماي چۈش كۆرگەندىن كۆرە پۇختا، تىرىشىپ خىزمەت قىلغان ياخشى، بەدەل تۆلىگەننىڭ ھامان نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ