مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىيىمىگە بەلگە كۆپەيتتى

2022.04.02 13:05 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 2-چىسلا دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن ئېتىبارەن دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىيىمىگە بەلگە كۆپەيتىدىكەن.

  دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ساقچىلىرى «ج خ ئورگىنى ساقچىلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار نىزامى» بويىچە فورما كىيىش، ساقچى ئۇنۋانى، ساقچى نومۇرى تاقاش قاتارلىق ساقچى بەلگىلىرىنى قېلىپلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىيىمىگە جۇڭگو كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش بەلگىسىنىڭ كۆكرەك ئىزنىكى ۋە دۆلەت بايرىقى يەڭ بەلگىسىنى كۆپەيتكەن. جۇڭگو كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش بەلگىسىنىڭ كۆكرەك ئىزنىكى ساقچى نومۇرىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە، دۆلەت بايرىقى يەڭ بەلگىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىيىمىنىڭ سول يېڭىگە، ج خ يەڭ بەلگىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىيىمىنىڭ ئوڭ يېڭىگە تاقىلىدۇ. دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىيىمىگە تاقىلىدىغان بەلگىلەرنى كۆپەيتىشى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك خادىملارنىڭ دەل ۋاقتىدا توغرا پەرقلەندۈرۈشى، قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى ۋە ماسلىشىشى، ياردەم تەلەپ قىلىشغا قولايلىق يارىتىدۇ، كۆچمەنلەرنى باشقۇرىدىغان ساقچىلارنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كەسىپ شان - شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، قانۇن يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا پايدىلىق.مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شۇكۈندىن باشلاپ شىزاڭ، بېيجىڭدىكى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىدىكى ساقچىلار تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگو كۆچمەنلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىسىنىڭ ئىزنىكى ۋە يەڭ بەلگىسى سېلىنغان ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىيىمىنى كىيىپ ئىش ئورنىغا چىقىپ، قانۇن ئىجرا قىلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىيىمى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش فورمىسى، مەشىق كىيىمى ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق كىيىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ