مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە كىرىم ئۇچۇرلىرىنى توپلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ!

2022.04.02 12:44 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇشقا كىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇشقا كىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەسلى مائارىپى تارىخى، پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتى، نورمال مەكتەپكە كىرىش يېشىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك ئىسپاتى قاتارلىق ئورۇنسىز ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە كىرىم ئۇچۇرلىرىنى يېغىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، تۈرلۈك ئەپ، ئۈندىدار كىچىك پروگراممىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە تەكرار يىغىشقا بولمايدۇ؛ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئىسپات ماتېرىيالى ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا ۋەسىيلىك قىلغۇچىسى يوقلۇق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ