مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

2022.03.31 11:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت تەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خاۋ فېڭلىن يىغىندا مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار توپى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قىزىقتۇرۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا بىردىن ئىككىگىچە ئۆمۈرلۈك نەپ بېرىدىغان تەنتەربىيە ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تەنتەربىيە دەرسىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئىگىلىۋېلىشنى چەكلەپ، ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى ئاسپىرانتلار مائارىپى ئاممىۋى دەرسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ