مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۆرەلمە كادىرلارنى قانداق تۈزەش كېرەك؟

2022.03.28 22:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. شوئارلاشقان، ئىپادە بىلدۈرۈش شەكلىدىكى، پەردازلاش شەكلىدىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشلارغا قارىتا دەرھال سۆزلەپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، تېز بېجىرىش كېرەك، ئېزىلەڭگۈلۈك قىلىشقا، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ.»

  ئىش قىلىش ھەمدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش — كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا قىممىتى. دىققەت قىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە قىسمەن كادىرلاردا قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى يالغان قىلىش، سوغۇق چىراي ئىش قىلىش، ئىشنى ئاز قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئامما ئۇلارنى «سۆرەلمە كادىرلار» دەپ ئاتىغان. بۇنداق كادىرلارنىڭ بەزىلىرى مەنپەئەتنى دەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن «سۆرەلمىلىك» قىلىدۇ، بەزىلىرى ئىقتىدارى يېتىشمىگەنلىكتىن پاسسىپلىق بىلەن «سۆرەلمىلىك» قىلىدۇ، بەزىلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتىن قورقۇپ «سۆرەلمىلىك» قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ مۆكۈنۈۋېلىپ «سۆرەلمىلىك» قىلىدۇ.

  قانداق قىلغاندا «سۆرەلمە كادىرلار» ھادىسىسىنى ئۈنۈملۈك تۈزەتكىلى بولىدۇ؟

  «سۆرەلمىلىك» ھەرىكىتى ۋە «سۆرەلمە كادىرلار» تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ھوقۇقنىڭ ئاينىپ كېتىشى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ مەۋھۇملاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇنىڭ رېئال ئىپادىسىدىن قارىغاندا، بىيۇروكراتلىق بىلەن شەكىلۋازلىقنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە قاتتىق مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋەزىيىتىدىكى يېڭى بىرلىشىشى، يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرىدۇر. ئايرىم كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاممىۋى ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولسا، ئاتالمىش بىيۇروكراتلىق ۋە شەكىلۋازلىقنى پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىيۇروكراتلىق ۋە شەكىلۋازلىق كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ سۇيىئىستېمالچىلىق ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك يېتەكچىلىكىگە ئاساسەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ بارغان ھەمدە كۈچىنىڭ بارىچە قوغدايدىغان خىزمەت ئۇسۇلىدۇر.

  ئۇنداقتا، بىيۇروكراتلىق ۋە شەكىلۋازلىقتا نېمە ئۈچۈن يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەركەز دائىم ‹ئىككى چوقۇم›نى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ نۇرغۇن ھۆججەت تارقاتتى، نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللاندى، لېكىن نېمە ئۈچۈن ‹ئىككى چوقۇم›غا خىلاپلىق قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇق ئىستىلى يەنىلا توختىماي كۆرۈلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يەنە بەزى كىشىلەر ناتوغرا ئىستىلغا بېرىلىپ كېتىدۇ؟ سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، بىر قىسىم يولداشلارنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنمىغان.

  ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنى بەزى جايلاردا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن، بەزى جەھەتلەردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭچىلىك قىلىش، بوشاڭلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.» قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيدىغان، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان بىيۇروكراتلىق ۋە شەكىلۋازلىقنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەسىلىنىڭ تۈگۈنى شۇ يەردىكى، ئىستىل مەسىلىسىنىڭ جاھىللىقى ۋە تەكرارلىنىشچانلىقى يېتەرلىك مۆلچەرلەنمىگەن، دائىم چىڭ تۇتىدىغان چىدامچانلىق، قاتتىق تۇتۇش سەۋرچانلىقى كەمچىل، يىراقنى كۆزلەيدىغان، ئاساسنى مۇستەھكەملەيدىغان تۈزۈم كەمچىل.» بۇ مۇھىم بايانلار بىيۇروكراتلىق ۋە شەكىلۋازلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، قايتا-قايتا ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى سۇبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ ئىككى نۇقتىدىن تەھلىل قىلغان. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئوبيېكتىپ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ چەكلىشى بىلەن سۇبيېكتىپ ئىدىيەۋى تەربىيە ۋە ئېتىكىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە زور كۈچ بىلەن تەرتىپكە سېلىشنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ