مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دېموكراتىك ئىسلاھات شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغ ئىش

—— شىزاڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىنىڭ 63 يىللىقى ھارپىسىدا يېزىلدى

2022.03.28 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  دېموكراتىك ئىسلاھات شىزاڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولۇپ، شىزاڭنىڭ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئېچىپ بەردى.

  بۇ يىل شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ ۋە مىليون يانچى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 63 يىللىقى، شۇنداقلا «شىزاڭدىكى مىليون يانچىنىڭ ئازاد قىلىنغانلىق خاتىرە كۈنى» تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 13 يىللىقى. دېموكراتىك ئىسلاھات ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىپ، شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە تۈپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، مىليون يانچى دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ غوجايىنىغا ئايلاندى. شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بۇ زور ئۆزگىرىش شىزاڭدا فېئودال يانچىلىق تۈزۈمدىن سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىزاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن توغرا يول ئېچىپ بەردى.

  63 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى، شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىزاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى شىزاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇردى، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىشى ئەڭ چوڭ، ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، تۈرلۈك ئىشلاردا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۈگۈنكى شىزاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇقىم بولدى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت تېخىمۇ گۈللەندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تېخىمۇ ياخشىلاندى، خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولدى، يېپيېڭى سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولدى.

  دېموكراتىك ئىسلاھات شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغ ئىش. شىزاڭدىكى 63 يىللىق ئۇلۇغ ھالقىش دېموكراتىك ئىسلاھاتنىڭ دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقانلىقىنى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ ئارزۇسىغا، شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۇ، تارىخىي مۇقەررەرلىك. دېموكراتىك ئىسلاھات بولغانلىقى ئۈچۈنلا، شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، شىزاڭنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىياتى بارلىققا كەلدى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشى بارلىققا كەلدى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرغاندىلا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغاندىلا، شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغاندىلا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

  بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمۇ يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرانى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

  63 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىش قارلىق ئېگىزلىكنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىزاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى، شىزاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، شىزاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشى جەزمەن تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل بولىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ