مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يانفون ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىشنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ

2022.03.25 20:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەقەملەشكەن دەۋردە، ھەرقايسى جايلار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتە، يېڭى قوللانمىلاردىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىپ، ئاممىۋى خىزمەت شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «يۈز كۆرۈشمەي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»، «سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ قاترىتىپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىش» قاتارلىق يېڭى ئىدارە قىلىش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈردى، ئاممىغا قولايلىق ياراتتى. لېكىن بەزى تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىشىچە، ئايرىم جايلار، ئايرىم كادىرلار «توردا بېجىرىش»نى بىر تەرەپلىمە تەكىتلەپ، «ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ» ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا سەل قارىغان. بۇ ئۇچۇرلاشقان ئىش بېجىرىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، يەنە تۈزەش داۋامىدا ئىللىقلىقنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېڭى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  تور ئۆگىنىش، تورنى چۈشىنىش، تور ئىشلىتىش يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى، لېكىن ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەزەلدىن ئىككىدىن بىرىنى تاللايدىغان «يەككە تاللاش سوئالى» ئەمەس. ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىرى كۆپ، لىنىيە ئۇزۇن، دائىرە كەڭ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىدا پەرق زور، ئۇچۇرلاشقان ئىش بېجىرىش پەقەتلا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قولايلىق ئەندىزىسى. بىراق كۆپ ھاللاردا يەنە كادىرلار ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەقىقىي مەسىلىلەرنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى چۈشىنىپ، مۇلازىمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلغۇچە قىلىش زۆرۈر.

  يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشتا ھەم تور يولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى ئېنىقلاپ، ھەم ئامما بىلەن بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ئامانلىقى، ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك. «يۈزمۇيۈز» پىكىر ئالماشتۇرۇش، «ئارىلىقسىز» مۇلازىمەت قىلىش ھەرقانداق ۋاقىتتا كەم بولسا بولمايدۇ. «يۈزمۇيۈز ئىش بېجىرىش»نىڭ ئۆزى بىر خىل پوزىتسىيە، ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشنى باشتىن-ئاخىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي ماھارەت سۈپىتىدە چېنىقتۇرۇپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغىچە» بولغان مۇلازىمەت جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئۈندىدار توپىدا توۋلاش»نى ھەقىقىي تۈردە نەق مەيدانغا بېرىشقا ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ دەردىگە ھەقىقىي دەرمان بولۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ