مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەكىلۋازلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشتە بوشاشماي، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

2022.03.25 20:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتتى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، روشەن سىگنال تارقىتىپ، بىر قىسىم جاھىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى؛ بىر قىسىم ناتوغرا ئىستىللار توسۇلدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى سىجىل ياخشىلاندى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ مەخسۇس خىزمەتنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى مۇستەھكەم ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مەنبەدىن تۈزەش ۋە ئاساسنى پۇختىلاش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. كونكرېت ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەت رېتىمىنى ئىگىلەپ، خىزمەتتە ئېغىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلۋازلىق ئارقىلىق شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  سىياسىي سەزگۈرلۈك، خىزمەت تەشەببۇسكارلىقى ۋە تۈزەشتىكى چىدامچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىدىن كۆپرەك ئەقىل-تەدبىر سوراپ، مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يوشۇرۇن ئۆزگىرىش، ھېرىپ-چارچاشتىن، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئاڭلىق تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە تۈزىتىپ، ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك يۈكنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ