مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەۋھۇم پۇل شاخلىتىپ سېتىشنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى يوشۇرالمايدۇ

2022.03.24 22:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەمئىي تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئەزا ھېساباتى 60 مىڭدىن ئاشقان، قاتلام مۇناسىۋىتى 72 قەۋەتكە يەتكەن، دېلوغا چېتىشلىق سومما 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن... يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شاڭخەيدىكى مەۋھۇم پۇلدىن پايدىلىنىپ توردا شاخلىتىپ سېتىش جىنايىتى سادىر قىلىشتەك تۇنجى دېلونى ئاشكارىلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۆلەك زەنجىرى، مەۋھۇم پۇل، مېتا ئالەم قاتارلىق ئۇقۇملار پات-پات پەيدا بولۇپ تۇردى. بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغاندا شامالغا يېقىندىن ئەگىشىپ، قىزىق نۇقتىدىن پايدىلىنىپ كەلدى. مەسىلەن، بۇ دېلودا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يەر شارى ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېمىسىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە مەۋھۇم پۇل قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش نامى بىلەن يۇقىرى سوممىلىق تۇرغۇن ھالەتتىكى پايدا ۋە تۆۋەن لىنىيە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇرەككەپ ھەق ھېسابلاشقا ۋەدە بېرىشنى يەمچۈك قىلىپ، ئابونتلارنى ئۈزلۈكسىز قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان. ئادەم تارتىش ۋە دەرىجە بويىچە ھەق ھېسابلاش ئەندىزىسى قوللىنىلغاچقا، دېلوغا چېتىشلىق تۈر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قار دومىلاتقاندەك سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان.

  مەۋھۇم پۇل قاتارلىق مودا ئۇقۇملار توردا شاخلىتىپ سېتىشنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرالمايدۇ، بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكىلارمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ قالقىنى بولالمايدۇ. بۇ دېلونىڭ پاش قىلىنىشى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىدۇ، جىنايەت شەكلى ھەر قانچە ياخشى پەردازلانسىمۇ، پاش قىلىنىدىغان بىر كۈنى بولىدۇ. توردىكى يېڭىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە ھەم دۆلەت قاتلىمىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى زەربە بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا بولغان تەربىيەنى داۋاملىق كۈچەيتىشى لازىم، ھەم ئاممىمۇ كۆزىنى يوغان ئېچىپ، «ئاسماندىن قاتلىما چۈشۈش»كە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، ئاپەتنىڭ ئالدىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغىلى، ھەمياننى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ