مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلغارلىقنى قانداقمۇ پۇل خەجلەپ سېتىۋالغىلى بولسۇن؟

2022.03.24 22:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تاراتقۇلار جياڭسۇ ئۆلكىسى دۇڭخەي ناھىيەسى شۇاڭديەن بازىرى چيەنشۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇ جيالۇڭنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى خەۋەر قىلدى. جۇ جيالۇڭ كەنتنىڭ كوللېكتىپ ھېساباتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىش، «ئىلغارلىق»نى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ساختىپەزلىك قىلىشتىن باش تارتماي، كەنت كوللېكتىپىنىڭ 18 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلىغى بىلەن ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈمىنى تۆلىگەن. ئاخىرىدا جۇ جيالۇڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، يىللىق مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى.

  ئىلغارلىقنى قانداقمۇ پۇل خەجلەپ سېتىۋالغىلى بولسۇن؟ جۇ جيالۇڭغا ئوخشاش بۇنداق «سانلىق مەلۇماتلاردا ساختىلىق قىلىش»، «ھېساباتتىكى ئىلغارلىق»نىڭ ئۆزى تىپىك شەكىلۋازلىقتۇر. نۆۋەتتە، «خىزمەت نەتىجىسىنى كۆزلەپ يۈك ئارتىۋېلىش» شەكلىدىكى «مەنزىرە ياساپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان» ئوبراز قۇرۇلۇشى بىر قىسىم جايلاردا يەنىلا يۈز بېرىپ، بىر رەھبىرىي كادىرنىڭ ئىنتىزام ئېڭىنىڭ يېتەرسىزلىكى، سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بەزى كادىرلار «يۇقىرى»غىلا قاراپ، يۇقىرىنىلا كۆرۈپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماي، تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئۆستۈرۈلۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى؛ بەزى كادىرلار «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» سىياسىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بېرىلىپ كەتتى، خىزمەتتە ئىش قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بەكرەك ئەھمىيەت بەردى؛ بەزى كادىرلار قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلماي، ئوبيېكتىپ شارائىت بىلەن ھېسابلاشماي، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يۇقىرى كۆرسەتكۈچنى يولغا قويۇپ، ئىلىم-پەنگە خىلاپ ھالدا قارىغۇلارچە قوماندانلىق قىلىپ، ئېغىر سەۋەنلىك ۋە ئىسراپچىلىق پەيدا قىلىپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ خاتا بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، پارتىيەۋىلىكنىڭ كۈچلۈك بولمىغانلىقى، شەخسىي غەرەزنىڭ ۋەسۋەسىگە سالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  بولۇپمۇ مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلىشنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ. ئىلغار بولۇش كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش، تەقلىد قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ، بەلگە خادىسى تىكلەش، ئۈلگە تىكلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر بۇ «بەلگە خادىسى» ۋە «ئۈلگە» ساختىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن قولغا كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سەلبىي ئۈلگىلىك رولىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ساختىلىق قىلغۇچىلار مەقسىتىگە يەتكەن ھامان، باشقىلار شامالغا ئەگىشىپ تەقلىد قىلسا كەيپىيات بۇزۇلۇپ، زور زىيان تارتىدۇ، چوقۇم تېز، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ دېلودا جۇ جيالۇڭ ھېسابات دەپتىرىدە ساختىلىق قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەتنى قىلچە ئىلگىرى سۈرمەيلا قالماستىن، يەنە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق چارە كۆرۈش كېرەك.

  رەھبىرىي كادىرلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاتا سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشىنى تۈزۈم جەھەتتىن توسۇش كېرەك. ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قارىتا ھەر تەرەپلىمە، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ، شەكىلۋازلىقنى ئۇزاققىچە تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىمايدىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاممىغا ھەقىقىي، توغرا ئىش قىلىپ بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ