مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلامنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۆشۈكى ۋە ماكانىغا ئايلاندۇرۇش لازىم

2022.03.17 20:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، نۇرغۇن ۋەكىللەر تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا قالدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىگە بىۋاسىتە قارىتىلدى، دېيىشكە بولىدۇ.

  گەرچە يېزا-كەنتلەرنىڭ مائارىپ ئەسلىھەلىرى يىلدىن-يىلغا زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، بارغانسېرى كۆپ ئوقۇتقۇچى ئاساسىي قاتلامدا قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن غەربىي قىسىمدىكى بىر قىسىم چەت، يىراق رايونلاردا يەنىلا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى جەلپ قىلالماسلىق، ئېلىپ قالالماسلىق، باشقا جايلار ئېلىپ كېتىش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇت. ئاساسىي قاتلام، بولۇپمۇ غەربىي رايوندىكى چەت، يىراق رايونلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش − يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ جىددىي ئارزۇسى. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا قالدۇرۇش ھەر قايسى جايلارنىڭ تەرەققىياتىدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.

  ئىختىساسلىقلارنىڭ تەتۈر يۆتكىلىشى سىياسەت ۋە مەبلەغنىڭ مايىللىقى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىش قانۇنىيىتى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى «چەت-ياقا رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار پەقەت تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت بولسىلا، ئۇ يەردىن ئايرىلىشنى تاللايدۇ»، دېگەن ئويغا كەلتۈرىدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، مەمۇرىي ۋاسىتە ئارقىلىق چەكلىسىمۇ، يەنىلا زورمۇزور ئىش قىلغانلىق بولىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى قالدۇرۇپ قېلىشتا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قالدۇرۇش كېرەك. پەقەت ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغاتقاندىلا، ئاندىن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ قەلبىمۇ، ئۆزىمۇ قېلىپ قالالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر يىلى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر چوڭ شەھەر، ئىدارە-ئورگانلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېزا-كەنتلەردە يىلتىز تارتىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، يېزا-كەنت مائارىپى دالاسىدا كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتى ۋە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تاللاۋاتىدۇ.

  شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قېنى ۋە قىزغىنلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۆھپە قوشۇشى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەردە قويماي، مۇنەۋۋەر مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسىپكە ئىنتىلىشى بىلەن ياشاش مەسىلىسىنى چوقۇم ئىككىسىدىن بىرىنىلا تاللايدىغان زىددىيەت تېمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، دۆلەت قاتلىمىدىن سىياسەت لايىھەلەش ۋە مەبلەغ تەقسىملەش جەھەتتە زۆرۈر مەدەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشتات كاپالىتى، تەمىناتنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىكرو قاتلامدىمۇ دائىملىق تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش ئارقىلىق شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارى بىلەن ئىمكانقەدەر ماس قەدەمدە بولۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا قالدۇرۇش ھەرگىزمۇ بىر شوئار ئەمەس، شۇنداقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس بولغان خام خىيالمۇ ئەمەس. ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغاندىلا، ئاساسىي قاتلام ئۇلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ