خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەنلا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، خەلق ئىگىلىكى سىجىل مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن.
سانائەت، مۇلازىمەت كەسپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى. 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، 2021-يىلى 12-ئايدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشتى، 41 چوڭ تۈردىكى كەسىپنىڭ %90دىن كۆپرەكىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئاشتى، 2021-يىلى 12-ئايدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.
ئىستېمالنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قايتا ئۆرلىدى. 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئېشىپ، 2021-يىلى 12-ئايدىكىدىن بەش پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %4.9 ئېشىپ، 2021-يىلى 12-ئايدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا ياخشى باشلىنىش بولدى. 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.2 ئېشىپ، 2021-يىلىدىكىدىن 7.3 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.9 ئېشىپ، 2021-يىلىدىكى پۈتۈن يىلدىكىدىن 7.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.
يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ %42.7 ئېشىپ، پۈتكۈل ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سانائەت ماشىنا ئادىمى، قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارىيەسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %150.5، %29.6 ۋە %26.4 ئاشتى.
ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى. 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە، ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 2021-يىلى 12-ئايدىكىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.3 ئېشىپ، بارلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2021-يىلىدىكى يۇقىرى تۈپ سان ئاساسىدا داۋاملىق تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى.
(ئالاقىدار خەۋەرلەردىن 4-بەتتىن كۆرۈڭ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى