تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

2022.03.16 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ياڭشونىڭ دېلو ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى

  لى ئەپەندى 2015-يىلى مەلۇم شىركەتكە ئىشقا كىرگەن، شىركەت تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 15 كۈنلۈك تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشى بولۇپ ، لى ئەپەندىنىڭ ئايالى 2019 ـ يىلى 8-ئايدا تۇغقاندا، ئۇ تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشىنى ئالماي، يەنىلا نورمال ئىشقا چىققان، شىركەت پەقەت نورمال ئىشقا چىققان مەزگىلدىكى مائاشىنى بەرگەن. لى ئەپەندى شىركەتتىن تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشى ئالماي ئىشلىگەن ۋااقىتتا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بويىچە مائاش قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن شىركەت لى ئەپەندىنىڭ تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشىنى ئالمىغانلىقىنى دەم ئېلىش ھوقۇقىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قاراپ، ئارتۇق مائاش قۇشۇپ بېرىشكە قوشۇلمىغان. لى ئەپەندى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان، سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان.

  سودىيە ئەسكەرتمىسى

  تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشى ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايالى تۇغۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر مەزگىل بەھرىمەن بولىدىغان مائاشلىق دەم ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئايالىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدۇ ۋە روھىي جەھەتتىن تەسەللىي بېرىدۇ، بۇ ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشىنى ئالمىغان، نورمال ئىشقا چىققان ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئارتۇق مائاش بېرىشى ھاجەتسىز.

  ئەمگەكچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتى ئالماسلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۇغۇت كۈتۈش رۇخسىتى ئالمىغان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي تولۇقلىمىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، كۆپ ھاللاردا قوللاشقا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 5-ماددىسىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يىللىق دەم ئالمىغاندىكى مائاشىنى بېرىشى كېرەك دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، لېكىن قانۇندا ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشى ئالمىسا ئىش ھەققىنى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇناسىپ بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك توختامى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوللانمىسىدا تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشى ئالمىغانلىقىنى تۇلۇقلىما مېخانىزمى بەلگىلىمىگەن، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى توغرىسىدا پۈتۈشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، سوت مەھكىمىسىنىڭ دەم ئالمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تولۇقلىما تەلىپىنى قوللىشى تەسكە توختايدۇ.

  تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشىنى ئالغان ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاش تەمىناتىنى بېرىشى كېرەك. «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» نىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر 15 كۈن تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلارنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە، ئەمگەكچىلەر بىلەن ئەمگەك ياكى تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلىشىغا، مائاشىنى تۆۋەنلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ