مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇختا قەدەمدە تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ داۋاملىق سەھىپە پۈتەيلى

__ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5–يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىدىن خاتىرە

2022.03.15 10:04 مەنبە: خەلق تورى

  3–ئايدىكى بېيجىڭنىڭ باھار كۈنلىرىدە ھاۋا تەدرىجىي ئىللىپ، يۈلەن گۈلى غۇنچىلىغان ئىدى.

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2000دىن ئارتۇق ئەزاسى ئارقا–ئارقىدىن خەلق سارىيىغا كېلىپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5–يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ مەركىزىي زالىدا، نۇرغۇن ئەزا يىغىنغا قاتنىشىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇۋاتاتتى. خېنەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ياشانغانلار تېببىي ئىلىم بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئەزا خۇاڭ گەيرۇڭ مۇنداق دېدى: «مەن نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، چوڭقۇر ئىلھام ئالدىم. <خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ كۆيۈنۈش كېرەك.> بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، تىرىشىپ پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىز».

  گۈيجوۋ ئۆلكىسى پەنجوۋ شەھىرى يۈنى يېزىسى يەنبوليەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئەزا يۈ ليۇفېن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى> دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى كۆڭلىمىزدىكىدەك گەپ قىلدى. يەنبوليەن تاغلىقكەنت بولۇپ، يول مېڭىش قىيىن بولغاچقا،ئىلگىرى ئامما يەر تېرىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنىدى. ھازىر قاتناش راۋانلاشتى، يوللار ئېتىز قىرىغا تۇتاشتۇرۇلدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاشلىقنى كۆپرەك تېرىشنى خالايدۇ. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن-ئاخىر چىڭىتىپ، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز».

  يېپىلىش يىغىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا باشلاندى. شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشتى.

  10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا چىراغ نۇرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: كېڭىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، كەڭ دائىرىدە ياخشى چارە-تەدبىر پىلانلاش، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى ئاخىرلاشتى.

  بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتتى ___

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئەزا ۋاڭ سەنلۇڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى يەنىمۇ قوزغىتىلىپ، ئىرادىسى، جاسارىتى، ئىشەنچىسى مىسلىسىز ئاشتى».

  شەنشى بىناكارلىق قۇرۇلۇش پاي كونترول گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئەزا جاڭ يىگۇاڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرى جەزمەن بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت كاپىتالىنى ئەلالاشتۇرىمىز، روناق تاپقۇزىمىز، زورايتىمىز.بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قەلب ۋە كۈچىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ___

  جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەزا ئەن تىڭ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقلىق كۈچ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. بىز تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچنى تېپىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىگە مۇجەسسەملەيمىز».

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن شەھىرى لۇڭزى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، ئەزا گۇڭ جۆچۈجېن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى ھەر مىللەت، ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. خىزمەت ئورنىمىزغا قايتقاندىن كېيىن، بىز يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز. ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشساقلا، ھەر خىل خىرىسلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز».

  بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تېخىمۇ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى كۈچەيتتى ___

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 20ە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5- يىغىنى جەمئىي 5979 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 4979 پارچىسى تۇرغۇزۇلدى، 35 پارچىسى قوشۇپ بىر تەرەپ قىلىندى، 965 پارچىسى پىكىر ۋە تەۋسىيەگە ئۆزگەرتىلدى. يىغىن مەزگىلىدە، ئەزالار پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى پۇختا، تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ توپلىدى.

  چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزا لى چىڭ ئۇدا كۆپ يىل يېزا-كەنتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ئەزالار مەسىلىلەرنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ، ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدەندى، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، ھەر قېتىملىق مۇزاكىرە توغرا ۋە ئېنىق قاراشقا تولغان بولۇپ، ھەر بىر پارچە لايىھە خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى. مەن تەسىراتىمنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئېلىپ بېرىپ، يۇرتداشلار بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىش تۇيغۇمىز، بەخت تۇيغۇمىز، بىخەتەرلىك تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ ئاشۇرىمەن».

  پۇختا قەدەمدە تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق سەھىپە پۈتەيلى. يىغىن مەيدانىدىن چىققان ئەزالارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جۇشقۇن قىياپەت بىلەن قىلغان ھەربىر جۈملە سۆزى ئۇلارنىڭ چىن ھېسسىياتىنىڭ ناماياندىسى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە بەرگەن قەتئىي ۋەدىسىدۇر.

  بۇ چاغدىكى خەلق سارىيىنىڭ سىرتىدا باھار شامىلى يۈزلەرنى سىيپاپ، مەيىن شامالدا قىپقىزىل بايراقلار جەۋلان قىلاتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ